باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
توڭلاتقۇدىكى يۇلتۇز بەلگىسى توڭلىتىش بۆلىمىنىڭ توڭلىتىش ئىقتىدارىنى بىلدۈرىدۇ
2008- 07- 02 12:20 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     يۇلتۇز قانچىكى كۆپ بولسا ، توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش تېمپىراتۇراسى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ.

     مەملىكىتىمىز خەلقىئارادا بىرلىككە كەلگەن يۇلتۇز دەرىجىسى ئاساسىدا، تۆت خىل يۇلتۇز  دەرىجىسىنى توڭلاتقۇ ئۆلچىمى قىلىپ قوللىنىشنى يولغا قويغان. مەسىلەن: بىر يۇلتۇز بەلگىسى توڭلىتىش تېمپېراتۇراسىنىڭ نۆلدىن تۆۋەن 6 سېلسىيە گرادۇس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بىر يۇلتۇز دەرىجىلىك توڭلاتقۇدا يېمەكلىكلەرنى بىر ھەپتەساقلىغىلى بولىدۇ. يۇلتۇز دەرىجىسى ئىككى بولغان توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش تېمپېراتۇراسى نۆلدىن تۆۋەن سېلسىيە 12 گرادۇس بولۇپ، ئۇنىڭدا يېمەكلىكلەرنى تۆت ھەپتە توڭلىتىپ ساقلىغىلى بولىدۇ. ئۈچ يۇلتۇزلۇق توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش تېمپېراتۇراسى نۆلدىن تۆۋەن سېلسىيە 18 گرادۇس بولۇپ، يېمەكلىكلەرنى توڭلىتىپ ساقلاش ۋاقتى ئۈچ ئاي بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، توڭلاتقۇنىڭ يۇلتۇز سانى قانچە كۆپ بولسا، توڭلىتىش ئۈسكىنىلىرىنىڭ ئىشلەش ۋاقتى شۇنچە ئۇزۇن، توك سەرپىياتى شۇنچە چوڭ، تېمپېراتۇراسىمۇ شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ