|
پادىچىلار كىيمىنىڭ، ئازادە ۋە چىدامچانلىقى ئىستېمالچىلارنى مەپتۇن قىلغان. ئەمما يېقىندىن بۇيان ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق– مەنپەئىتىنى قوغداش ئاپپاراتلىرى پادىچىلار كىيمىنى سۇدا يۇغاندا چىققان چاتاقلار توغرىسىدا قىلىنغان ئەرزلەرنى تاپشۇرىۋالدى. شۇڭا ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: سۇدا يۇيۇشقا بولىدىغان پادىچىلار كىيمىنى سېتىۋالغاندا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ سۈركۈلۈشكە بەرداشلىق بېرىش دەرىجىسىنى چۈشەندۈرىدىغان ماتېرىيالىنى تەپسىلىي كۆرۈڭ. ئاسان ئۆڭىدىغان ياكى يۈزىگە مۇنەكچىلەر پەيدا بولىدىغان پادىچىلار كىيمىنى ئامال بار سېتىۋالماڭ. كىيىم پۇلىنى تۆلەشتىن بۇرۇن، بىر پارچە ئاق رەختنى كىيىمنىڭ يۈزىگە كۈچەپ سۈركەڭ، ناۋادا ئاق رەخت يۈزىدە رەڭ پەيدا بولسا، بۇ ئۇنىڭ ئۆڭىدىغان رەختتىن تىكىلگەنلىكىنى، ماتېرىيالىنىڭ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى ھەر قانداق مەھسۇلاتنى سېتىۋالغاندا چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىيالى بىلەن ئىناۋەت كارتۇشكىسىنى سوراڭ، ئاندىن ئىناۋەت كارتۇشكىسىدىكى بەلگە بىلەن سېتىۋالماقچى بولغان كىيىم بەلگىسىنىڭ ئوخشاش ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىڭ. ئەگەر چاتاق چىقسا، ئۆزىڭىز بىر تەرەپ قىلماستىن، ساتقۇچى سودىگەرنى ئىزدەڭ ياكى ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىگە ئىنكاس قىلىپ، قانۇنلۇق ھوقۇققىڭىزنى قوغداڭ.
|