|
خمىيىلىك تەجىربىلەرگە ئاساسلانغاندا، كۆك تاماكا تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق 20 خىلدىن ئارتۇق ماددا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نىكوتىننىڭ مىقتارى ئەڭ كۆپ، ئادەم بەدىنىگە ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. بىر ئادەم بىر تال تاماكا چەككەندە ئالتە سېكونت ئۆمرى قىسقىرايدۇ. نۆۋەتتە دۇنيادا ھەر يىلى تەخمىنەن ئۈچ مىليون ئادەم تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەلىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى مىليون ئادەم تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە، بىر مىليون ئادەم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بولۇپ، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە، تاماكا چېكىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. تاماكا نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە.
تاماكا چېكىش بىلەن ئوزۇقلۇقنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار دىگەندە، تاماكا چېكىش ئورگانىزمنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بىر تال تاماكا 25 ـ 100 مىللىگىرام ۋېتامىن س نى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەر ئوزۇقلۇقنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا چەككۈچىلەر نۇرغۇنلىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن. بولۇپمۇ ۋېتامىن ئا، ۋېتامىن س، ۋېتامىن يې، سېلىن، قاتارلىق ئوكسىدلاشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلارنى تۇلۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن.
تاماكا چېكىشتىن كىلىپ چىقىدىغان ھاياتقا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان كېسەللىكلەر تەخمىنەن 40 خىلدىن كۆپرەك بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى راك كېسەللىكلەرنىڭ تۈرىلا ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: ئېغىز بوشلۇقى راكى، كاناي راكى، ئۆت خالتىسى راكى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى راكى قاتارلىقلار.
نۇرغۇن تاماكا چەككۈچىلەر تاماكا چېكىشنىڭ پايدىسى بار دەپ قارايدۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر پايدىلىق تەرىپى پەقەت %1، ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى 100 ھەسسە بولىدۇ دەپ قارايدۇ. 20 يىل تاماكا چەككەن ئادەمنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمىگەن ئادەمگە قارىغاندا 20 ھەسسە يۇقىرى؛ تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمىگەنلەرگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
تاماكا چېكىش ئەتراپتىكى كىشىلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئادەم تاماكا چەككەن ۋاقىتتا تەخمىنەن %50 نىكوتىن تاماكا ئىسلىرى بىلەن بىرگە ھاۋاغا تارقىلىدۇ، %20 نىكوتىن ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ، %25 نىكوتىن كۆيۈش جەريانىدا بۇزلىدۇ، %5 نىكوتىن تاماكا قالدۇقىدا قېپقالىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تاماكا ئىس قاپلاپ كەتكەن مۇھىتتا تۇرغاندا گەرچە تاماكا چەكمەيدىغان ئادەم بولسىمۇ، ئوخشاشلا نىكوتىننىڭ زىيىنىغا ئۇچىرايدۇ. بەلكىم قۇبۇل قىلىدىغان نىكوتىن مىقتارى تاماكا چەككۈچىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىشى مۇمكىن.
تاماكا ساغلام بەدەننىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى. تاماكا چېكىشنىڭ ئەڭ بىۋاستە خەتىرى كۆك تاماكا تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ توپلىنىپ قېلىش سەۋەبىدىن ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدا كۆرۈلىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئىسپاتلىشىچە، ئۆسمىنىڭ چوڭىيىش نىسبىتى تاماكىنىڭ مىقتارى بىلەن بىردەك بولىدىكەن. تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 10– 50 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئىسسىق ھەم قۇرۇق بولغان تاماكا ئىسى پۈتۈن نەپەسلىنىش يوللىرىنى بىۋاستە غىدىقلىغاچقا، تاماكا چىكىدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاسانلا زۇكام، نەپەس يوللىرى ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككەنلەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى ئاستا خاراكتېرلىك نەپەس يولى ياللۇغى ياكى شاخچە كاناي ياللۇغى بولىدىكەن.
تاماكا چېكىشنىڭ دىئابېت كېسىلى بىمارلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمۇنى قاندىكى قەنت مىقتارىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، دىئابېت كېسىلى بىمارلىرىغا بىۋاستە خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. يەنە نېرۋىلارنى كونتىرول قىلىپ، ناھايىتى ئاسانلا نېرۋا كېسەللىكلەرنى قوزغىتىدۇ. يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىپ، قان بېسىمنى ئۆرلىتىپ، دىئابېت كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ ھەم يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئۆزگۈرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماكا چېكىشنىڭ نەپەس يوللىرى يېپىشقاق پەردىسىنى غىدىقلاش رولى بولۇپ بولۇپ، نەپەسلىنىش يوللىرىنىڭ يۇقىملىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دىئابېت كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا، دىئابېت كېسىلى بارلار ئامال بار تاماكا چەكمەسلىك لازىم.
كۆك تاماكىنى ئەڭ بالدۇر ئىستېمال قىلغانلار ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىندىئانلار بولۇپ، ئىندىئانلار كەشىپ قىلغان كۆك تاماكا ناھايىتى ناھايىتى تېزلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تالقالغان. ئەڭ دەسلەپتە كىشىلەر تاماكىنىڭ بەلگلىك دورىلىق قىممىتى بار دەپ قارىغان. ئىلىم – پەننىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى بولۇپمۇ تىببىي تەتقىقات ئىلمىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر تاماكا چېكىشنىڭ خەتىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتى. كۆپلىگەن كېسەللىكلەرنىڭ تاماكا چېكىش بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك مۇناسىۋىتى بولىدىغانلىقى ئېنىقلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دورىگەرلىك ئىلمىي تەتقىقات خادىملىرىنىڭ زەھەرلىك ماددىلار ۋە ئۇلارنىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى يېمەكلىك تەركىبىدىكى كۆپ خىل ئامىنو كېسلاتانىڭ نىكوتىننىڭ زەھەرنى نېيتراللاش رولى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئەگەر مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلسا، تاماكا تاشلاشقا ئامالسىز قالغان بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئازىراق چىقىش يولى كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.
تاماكا تاشلاش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
تاماكىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە خۇمارى بولسىمۇ، تاماكا تاشلاش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس. تاماكىنىڭ خۇمار پەيدا قلىىشىدىكى ئاچقۇچ ـ ئۇنىڭ پىسخولوگىيىلىك رولىدا. تاماكا چېكىشنىڭ پىسخىكىلىق رولىنى جەمئىي يەتتە ئامىلغا يەنى ئۈچ تۈرگە يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئۇلار: 1 ـ، كۆك تاماكىنىڭ خۇمارى؛ 2 ـ، روھى كەيپىياتنى تەڭشەش، تىنىچلاندۇرۇش، روھنى ئۇرغۇتۇش، ھوزۇرلىنىش؛ 3 –، ئىجتىمائىي ئادەت. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ ئېھتىياجى تاماكا چېكىش ئىچىدە پىسخىكىلىق تەڭشەشنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇپ قالغان. شۇڭلاشقا تاماكا چېكىشنى چەكلەش، تاماكا تاشلاشقا ئىلھاملاندۇرۇش جەريانىدا ساغلاملىق تەربىيىسى ئېلىپ بارغاندىن سىرت، جەمئىيەتتە كەڭ كۆلەملىك تاماكا تاشلاشنى تەشەببۇس قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرش، تاماكا چەكمەسلىك نورمال ھادىسە ھېسابلىنىدىغان مەدەنىيەت مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
بەزى ۋاقىتتا تاماكا چەككۈچىلەر نىكوتىننىڭ خۇمارىنى ناھايىتى تەستە باسىدۇ. تاماكا تاشلىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن نۆۋەتتە بازارلاردا تەركىبىدە نىكوتىن بولغان سېغىز، تاماكا تاشلىتىش دورىسى قاتارلىقلار سېتىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ نىكوتىننى قۇبۇل قىلىش مىقتارىنى ئاستا ـ ئاستا ئازايتىشقا تايىنىدۇ. تاماكا تاشلاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى تاماكا چەككەندىن كېيىن ئېغىزدا بىر خىل كىشىنى بىئارام قىلىدىغان غەيرى تەم پەيدا قىلىپ، ئادەمنى تەبىئىي ھالدا تاماكا چېكىشتىن ساقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاماكا تاشلىغۇچىلار تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى تۇنۇپ يىتىشى، تاماكا تاشلاشقا ئىشەنچ بولۇشى، قەتئىي ئىرادىگە كىلىشى لازىم. مەيلى ئائىلىدىكىلەرنىڭ نەسىھەتلىرى بولسۇن ۋە مەيلى تاماكا تاشلاتقۇچى دورىلارغا تايانغان بولسۇن، بۇ يەردىكى ھەممىدىن مۇھىم مەسىلە تاماكا چەككۈچىنىڭ تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى تۇنۇپ يىتىشى ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماكا تاشلىشىدىن ئىبارەت. ئىزچىل بۇ خىل ئىدىيىنى تۇرغۇزغاندىلا تاماكا تاشلاشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
|