باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>ئەخلاق ۋە تەربىيە
قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلىپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
2008- 07- 02 12:09 شىنجاڭ گېزىتى

مۇھەممەتجان ئىسمائىل

   جەمىئىيىتىمىزدە كىشىلەر بىلمەي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ قويۇپ، قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق سەۋەنلىك، ئاساسلىقى، كىشىلەرنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كۆرۈلىدۇ. بۇنى مۇنداق بىر قانچە مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرەيلى:

   1. كېسەل بولۇپ قالغان جورىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماسلىق. بەزىلەر: كېسەل جورىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىغانلار ۋە ئۇنى خارلىغانلار جامائەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ، قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ‹‹نىكاھ قانۇنى››دا ‹‹جورىسى كېسەل بولۇپ قالغاندا، قارشى تەرەپنىڭ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار، قارشى تەرەپ تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىغان بولسا، جورىسى بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك›› دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىغان جورىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ۋە بېقىشنى رەت قىلىش قانۇنغا خىلاپتۇر.

   2. ئاتا – ئانىسىنىڭ مال – مۈلكىنى خالىغانچە ئىگىلىۋېلىش. تۇرمۇشلۇق بولغان بەزى پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپلا ئۇلارنىڭ مال – مۈلكىنى ئىگىلىۋالىدۇ. ‹‹ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى››دا ‹‹ئاتا – ئانىسىنىڭ مال – مۈلكىنى ئوغرىلىغان ئائىلە ئەزالىرىغا ‹‹ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى›› بويىچە جازا بېرىلىدۇ ھەم جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. پەرزەنتلىرى ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن بولسا، ئاتا – ئانىسىنىڭ مال – مۈلكى ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ. ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن پەرزەنتلەرنىڭ ئۇنى خالىغانچە ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىسىنىڭ مال – مۈلكىنى ئوغرىلىسا، ئوخشاشلا ئوغرىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ.

   3. باشقىلارنى ھاقارەتلەش. يېزىق شەكلى بىلەن، تېلېفوندا، ئىنتېرنېت تورىدا ياكى يۈزتۇرا باشقىلارنى تىللاش ھاقارەتلەنگۈچىنىڭ نام – ئابرۇيىغا دەخلى – تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ، بۇ قىلمىش ئېغىر بولغاندا ئۇنىڭدىن تۆھمەت قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

   4. پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بەرمەسلىك. بەزى كىشىلەر پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بېرىش – بەرمەسلىكنى ئاتا – ئانىنىڭ ھوقۇقى دەپ قارىسا، يەنە بەزى كىشىلەر ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى، سودا – سېتىق ئىشلىرىنى باھانە قىلىپ، بالىسىنى ئوقۇشتىن توختىتىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ قانۇنغا خىلاپتۇر.   ‹‹مائارىپ قانۇنى›› ۋە ‹‹قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى›› قاتارلىق قانۇنلاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەربىيىلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش بەلگىلەنگەن.

   5. باشقىلارنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىش. باشقىلارنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، ناتوغرا ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق باشقىلارغا روھىي ۋە ئىقتىسادىي زىيان يەتكۈزۈش باشقىلارنىڭ ئىسىم فامىلىسىغا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

   6. نىكاھتىن قانۇنسىز ئاجرىشىش. بەزى ئەر – خوتۇنلار ئۆزئارا كېلىشەلمەسلىك ياكى باشقا سەۋەب تۈپەيلىدىن ئاجراشماقچى بولغاندا خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا بېرىپ نىكاھتىن ئاجرىشىش رەسمىيىتى بېجىرمەي،  ‹‹ئاجراشتۇق›› دەپلا ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ، ئەمەلىيەتتە قانۇن جەھەتتىن نىكاھ مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ. ئايرىلىپ تۇرغان مەزگىلىدە ئۇلار باشقىلار بىلەن ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن نىكاھلىنىدىكەن، قوش نىكاھلىنىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ