باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>ئۆي زىننەتلەش
خۇرۇم ساپا سېتىۋېلىشتا ...
2008- 07- 02 12:05 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      ئىستېمالچىلار ئادەتتە خۇرۇم ساپا تاللىغاندا، سىرتقى يۈزىدە ھېچقانداق ئىز  بولمىسا، پاقىراپ تۇرسا بۇنى ھەقىقىي ئېسىل مال دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. كالا خۇرۇمدىن تىكىلگەن ساپادا ئىز بولۇش نورمال ئىش. چۈنكى كالا يېتىلىش جەريانىدا تېنىگە چىققان جاراھەت، چاققان ھاشاراتلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تېرىسىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرىدۇ. كالا تېرىسىنى پىششىقلاش جەريانىدا بۇ ئىزلار ئاسانلىقچە يوقىمايدۇ. ئىستېمالچىلار بۇ نۇقتىغا سەل قارىماسلىقى لازىم. بەزى تېرىلەرنى پىششىقلاش جەريانىدا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تېرىدىكى ئىز يوقىتىلىدۇ. لېكىن بۇنىڭدا پىششىقلانغان خۇرۇمنىڭ موي تۆشۈكچىلىرى توسۇلۇپ، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.

     بەزى سودىگەرلەر خېرىدار دۇكانغا كىرگەن ھامان خۇرۇم ساپادا ئولتۇرۇپ سىناپ بېقىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەگەر ۋاقىت يار بەرسە خۇرۇم ساپادا يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ ئاندىن ئولتۇرغان يەرنى سىلاپ بېقىش كېرەك. ئەگەر ئولتۇرغان يەر قىززىپ كەتمىگەن بولسا بۇ ھەقىقىي سۈپەتلىك خۇرۇمدىن تىكىلگەن ساپا بولىدۇ.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ