باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
ياز پەسلىدە قانداق كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلغان ياخشى؟
2008- 07- 01 17:30 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

     ياز پەسلىدە كاۋا تۈرىدىكى ، تەبئىتى سوغۇق ، ‹‹باكتېرىيە ئۆلتۈرىدىغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېگەن ياخشى .

     ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاچقا ، بەدەندە خورايدىغان سۇنىڭ مىقدارى كۆپرەك بولىدۇ  . شۇڭا ئۇنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك .  كۆكتات تەركىبىدىكى سۇ كۆپ قاتلاملىق بىئولوگىيىلىك پەردە سۈزگۈچلىرىدىن ئۆتكەن تەبىئىي، پاك ، قۇۋۋەتلىك ئاكتىپ بىئولوگىيىلىك سۇ ھېسابلىنىدۇ . بىر ئادەم كۈنىدە 500 گرام كۆكتات يېسە ، 450 مىللىلىتىر يۇقىرى سۈپەتلىك سۇ ئىچكەنگە باراۋەر بولىدۇ . كاۋا تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار .

     ياز پەسلىدىكى ئىسسىق ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ . تەبىئىتى سوغۇق كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش خلىت ھاسىل قىلىپ ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىشقا ، ئىچ سىقىلىشنى يوقىتىپ ، ئىسسىقنى ياندۇرۇشقا ، زەھەرنى تازىلاپ ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق .  تەرخەمەك ، شوخلا ، پىدىگەن قاتارلىقلار تەبئىتى سوغۇق كۆكتات ھېسابلىنىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، ياز پەسلى كېسەللىكلەر بولۇپمۇ ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى كۆپ قوزغىلىدىغان پەسىل . بۇنداق چاغدا سامساق ، باش ئەتىياز ، كۈدە ، غولپىياز قاتارلىق ‹‹باكتېرىيە ئۆلتۈرىدىغان››كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بەرسە ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .

ئەھمەد مۇسا تەرجىمىسى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ