|
نۇرغۇن بالا تاماق تاللايدۇ ، يېقىندا چىققان ‹‹كلىنىكىلىق ئوزۇقلىنىش ئىلمى›› دە ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشچە ، تاماق تاللاش كۆپ نۇقتىدىن قارىغاندا ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىرسىيەت گېنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . بۇ نۇرغۇن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئوخشاش بىر تاماقنى ياقتۇرماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .
لوندون ئۇنۋېرسىتېتى تەتقىقات گۇرۇپپىسى 8–11 ياشقىچە بولغان قوشكېزەك ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان . نەتىجىدە بالىنىڭ مەلۇم تاماقنى يېمەيدىغانلىقىنىڭ %78 سەۋەبى ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ، قالغان %22 نىڭ مۇھىت تەسىرىدىن ئىكەنلىكى بايقالغان . ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارغا نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنىڭ تاتلىق ھەم ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرسە ، بالىلارنىڭ تاماق تاللاش ئادىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىكەن .
نۇرنىسا ئابلىمىت تەرجىمىسى
|