باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>تۇرمۇش لوغىتى
گۈلەنىڭ شىپالىق رولى
2008- 07- 01 12:37 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      گۈلە—تەمىنىڭ تاتلىقلىقى ۋە شىپالىق رولىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ كوزۇر مەھسۇلاتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .

       ياز پەسلىدە پىشىدىغان مېۋە — ئۆرۈكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ ، تومۇز ئايلىرىدىكى ئىسسىققا  قاقلىنىپ قۇرۇتۇلۇش ئارقىلىق ، ئۆرۈك ھالىتىدىكى تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىلىك ھۆل سوغاق مېۋىدىن گۈلە ھالىتىدىكى تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىلىك قۇرۇق ئىسسىق مېۋىگە ئۆزگىرىدۇ . نەتىجىدە ئۇ سوغۇق مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ تەبىئىتىگە يېقىن ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ، ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈپ ، ھەزىم قىلىشنى راۋانلاشتۇرىدىغان ئوزۇقلۇق ۋە شىپالىق قىممىتى يۇقىرى ‹‹قۇۋۋەت ›› دورىسىغا ئايلىنىدۇ .

     خەلقىمىز گۈلىنى يەرلىك مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇپ ، ئۇنى قۇرۇق پېتىلا ئىستمال قىلىپلا قالماي ، پولو ، ئۇماچ ، يۇمدان ۋە باشقا تائاملارغا سېلىپ ئىستېمال قىلىدۇ . بولۇپمۇ ئۇلار گۈلىنى ئاساسەن قىشتا ، چىلە مەزگىلىدە كۆپرەك ئىستېمال قىلىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرگەن .  گۈلە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك ھىساپلىنىدۇ .

    ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمىدە راك كېسەللىكى ‹‹سەرتان›› دەپ ئاتىلىدۇ ، گۈلىمۇ دەل سەرتان تومۇز ئىسسىقىدا قورۇتۇلىدۇ . راك كېسەللىكى سوغۇق سەپرانىڭ يۇقىرى باسقۇچىغا يەتكەندە ئادەم تېنىدە پەيدا بولىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر . گۈلە ھەرقانداق تەبىئىي يېمەكلىك ئىچىدە تەبىئىيتى پەۋقۇلادە ئىسسىققا مايىل يېمەكلىكتۇر . بۇنىڭدىن راك كېسەللىكىنى گۈلە يېيىش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدۇ ، دېگەن مەنا چىقمايدۇ . لېكىن ئىزچىل تۈردە ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق راك ئۆسمىسىنىڭ ئادەم تېنىدە پەيدا بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ