باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>ئۇماق قوزام
يازدا بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا...
2008- 07- 01 10:48 شىنجاڭ گېزىتى

    يېقىندىن بۇيان، ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبلىك، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىچى سۈرگەن ۋە نەپەس يولى كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن، بولۇپمۇ ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا ئىچ سۈرۈش ئالامەتلىرى بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلگەن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارغا سوغۇق ئىچىملىك ۋە مېۋە – چېۋىلەرنى كۆپ بېرىشى ئىكەن.

    مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئامبۇلاتورىيىگە كېلىپ كۆرۈنۈۋاتقان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى زۇكام، ئىچ سۈرۈش، ئۆپكە ياللۇغى، بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىچى سۈرۈش سەۋەبىدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈۋاتقان بالىلار كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن. ئەگەر بالىلارنىڭ بىر كۈندە  ئون قېتىم، ھېچ نەرسە يېمىگەن ئەھۋالدا بەش قېتىمدىن كۆپرەك ئىچى سۈرسە بالىنى چوقۇم دوختۇرغا كۆرسىتىش زۆرۈركەن. بەزى بالىلاردا ئىچى سۈرۈش بىلەن ياندۇرۇش ئالامىتى تەڭ كۆرۈلسە،  بالىلارغا ئاسان ھەزىم بولمايدىغان تاماقلارنى بېرىشتىن پەرھىز تۇتۇشى، قۇرۇق نان، چاي بېرىشى كېرەككەن. ئەگەر ئۇنىمۇ ياندۇرۇۋەتسە چوقۇم دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىش لازىمكەن. بالىنىڭ ئىچى سۈرۈۋەرسە سۇسىزلىنىش، ھاياتىغا خەۋپ يېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن.

    ئاتا – ئانىلار بالىنىڭ ئىچى سۈرۈۋاتقان مەزگىلىدە، بالىغا تەركىبىدە سۈت بار يېمەكلىكلەرنى، مايلىق ۋە گۆشلۈك تائاملارنى، مېۋە – چېۋىلەرنى بەرمەسلىكى، قايناق سۇغا تۇز ۋە شېكەر سېلىپ بېرىشى ، شەخسىي تازىلىق ۋە يېمەك – ئىچمەك تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىمكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ