باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>ئائىلە ۋە نىكاھ
ئەرلەر ۋە ئاياللار
2008- 06- 30 16:16 تەڭرىتاغ تورى

    1.ئەرلەر  ئۇچى يىرتىق پايپاق كىيسە كىيىدۇكى، قورسىقىغا ئۇچ ۋاق تاماق يېيىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئاياللار ئۈچ ئاي ناشتا قىلماسلىققا رازىكى، نەچچە قۇر يېڭى كىيىم كىيۋالماي قالمايدۇ.

    2.ئەرلەر ماگىزىن ئارلىسا روھى چۈشۈپ كېتىدۇ، ئاياللار ئەكسىچە ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ. ئەرلەر ماگىزىنغا كىرسە تاماكا سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاياللار ماگىزىنغا كىرسە ئەتىر سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

    3.ئەرلەر ماللارنى ئانچە خىللاپ كەتمەيدۇ، ئاياللار كۆڭلىگە ياققۇدەك مال سېتىۋىلىش ئۈچۈن ئايىقىنىڭ پاشنىسىنىڭ ئاجراپ كېتىشىگىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ.

     4.ئەرلەر  ھەمىشە كىرىمىنى يوشۇرىدۇ، ئاياللار ھەمىشە يېشىنى يوشۇرىدۇ.

    5.ئەرلەر چىرايلىق ئاياللارغا قاراشقا ئامراق كېلىدۇ، ئاياللار شېرىن–شېكەر سۆزلەرنى قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ.

   6.ئەرلەر گۈزەللىكنى دەپ مۇھەببەتنى قوغلىشىدۇ، ئاياللار مۇھەببەتنى دەپ گۈزەللىك قوغلىشىدۇ.

    7.ئەرلەر ئوخشاش جىنىستىكىلەرنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلغا ھەۋەس قىلىدۇ، ئاياللار ئوخشاش جىنىستىكىلەرنىڭ فىگۇرسىغا ھەۋەس قىلىدۇ.

    8.ئاياللارنىڭ يېشى چوڭايغانسىرى ئېرىنىڭ ئىشغا ئارلىشىدۇ، ئەرلەر بولسا ئايالىنىڭ ئىشى بىلەن كارى بولمايدۇ.

   9.ئەرلەر دەرەخكە ئوخشايدۇ، ئاياللار ئاسىراپ تۇرمىسا قۇرۇپ قالىدۇ، ئاياللار گۈلگە ئوخشايدۇ، ئەرلەر ئاسىراپ تۇرمىسا سولىشىپ قالىدۇ.

     10.ئەرلەر مۇئاشى ۋە ئەمىلىنىڭ ئۆسكىنىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئاياللار تۇغۇلغان كۈن ۋە توي خاتىرە كۈنىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.                          

 مۇتەللىپ ياقۇپ

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ