باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
DNA دىن پايدىلىنىپ خىلمۇ خىل كرىستاللارنى ياسىغىلى بولىدۇ
2008- 06- 30 16:00 شىنجاڭ گېزىتى

   بىر ھۈجەيرىلىك جانۋاردىن تارتىپ مۇرەككەپ ھۈجەيرىلىك ئىنسانغىچە بولغان جانلىقلار ئۈچۈن ئىرسىيەتلىك ماددا  DNA (زىبوزانوكلىق كىسلاتا) ھەرقانداق ھاياتلىق قۇرۇلمىسىنىڭ چېرتيوژى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ھازىر يەنە DNAدىن چېرتيوژ ئورنىدا پايدىلىنىپ، ئوخشاشمىغان ئالتۇن نانو مېتىرلىق زەررىچىلىرىدىن ئۈچ ئۆلچەملىك كرىستال قۇرۇلمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇراشتۇرۇپ چىقتى.

   ئالماس، قىزىل ياقۇت، ساپفىرغا ئوخشاش گۆھەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئانئورگانىك كرىستالغا كىرىدۇ. كرىستالدىكى ئاتوملارنىڭ ئورنى تۇراقلىق بولىدۇ، شۇڭا ئوخشاش بولمىغان كرىستاللارنىڭ خۇسۇسىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ. غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئالتۇن ئاتومىدىكى نانومېتىرلىق زەررىچىلەردىن پايدىلىنىپ كرىستال ياسىغاندا بىر تال DNA نى ئالتۇن نانومېتىرلىق زەررىچىلىرىدىن تەركىب تاپقان شارسىمان جىسىمغا چاتتى، ئاندىن DNA ئارقىلىق كرىستالنىڭ قۇرۇلمىسىنى تىزگىنلىدى. DNA نىڭ تەرتىپى ئۆزگەرگەندە كرىستالنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ ئۆزگەردى. بىر  –  بىرىگە ئوخشاشمايدىغان ئىككى خىل كرىستال ئەنە شۇنداق بارلىققا كەلدى.

   بۇ مۇۋەپپەقىيەت كەلگۈسىدە ئۆزلۈكىدىن قۇراشتۇرۇلىدىغان مولېكۇلا قۇرۇلمىسىنى ئۇتۇقلۇق لايىھىلەشنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئالىملار بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ تېببىي داۋالاش، بىئولوگىيىلىك دىئاگنوزلاش، ئېلېكترونلۇق سايمان قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىشقا بولىدىغان ئۆزگىچە فۇنكسىيىلىك ماتېرىياللارغا ئېرىشەلەيدۇ.

ئەركىن تۇرسۇن تەرجىمىسى 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ