باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
فرانسىيە ئالىملىرى خولېستېرولنى پارچىلايدىغان باكتېرىيىنى بايقىدى
2008- 06- 30 15:59 شىنجاڭ گېزىتى

     فرانسىيە يېزا ئىگىلىك تەتقىقات ئورنى يېقىندا، ئادەم تېنىنىڭ ھەزىم قىلىش يولىدا خولېستېرولنى بەدەن قوبۇل قىلالمايدىغان ئاجرالما قىلىپ پارچىلاپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتەلەيدىغان باكتېرىيىنىڭ بارلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بايقىدى. بۇ بايقاش خولېستېرولنى كېمەيتىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىشقا پايدىلىق.

   چۈشەندۈرۈلۈشىچە، ئالىملار بۇنداق باكتېرىيىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بۇرۇنلا بىلىپ، چاشقان تېنىدە تەجرىبە قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسىمۇ، ئادەم ئۈچىيىدىكى باكتېرىيىنىڭ زىچلىق دەرىجىسى ناھايىتى چوڭ بولغانلىقتىن ئۇنى ئادەم بەدىنىدە تەجرىبە قىلىش قىيىنغا توختىغان. كېيىن تەتقىقاتچىلار تەقلىدىي ئادەم ئۈچىيىدە 12 باكتېرىيىنى يېتىشتۈرۈپ، خولېستېرولنى ئۇنىڭ ئىچىگە سالغان، تەجرىبە قىلىنغان ئۈچىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر باكتېرىيە گۇرۇپپىسى كوپروستانول(ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلالمايدىغان ئاجرالما)نى پارچىلاشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن تەتقىقات خادىملىرى گېن تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق خولېستېرولنى پارچىلايدىغان بۇ باكتېرىيىنىڭ D8 dorei  ئىكەنلىكىنى بىلگەن.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ