|
ئەيدىز زىيىنى ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل، ئەيدىزنىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئەمما ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھازىرغىچە ئۇنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان دورا يوق بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن ئەيدىز يۇقتۇرۇۋالغانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
ئەيدىز قاندىن، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ئەيدىز ئاغرىقلىرى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بىلەن بولغان نورمال ئالاقىدە ئەيدىز يۇقمايدۇ. ئۆزىنى پاكىز تۇتۇش، ئۆزىنى ئاسراش، جىنسىي ئەخلاققا رىئايە قىلىش ئەيدىزنىڭ جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىردۇر. سۈپەتلىك گاندوننى توغرا ئىشلەتكەندە ۋە جىنسىي كېسەللەرنى بالدۇر داۋالاپ ساقايتقاندا، ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللەرنى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ. شىپرىسنى تەڭ ئىشلىتىش ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىشتىكى ئەڭ خەتەرلىك ھەرىكەت. شۇڭا ھاياتنى قەدىرلەش، زەھەرگە يېقىن يولىماسلىق، بولۇپمۇ شىپرىسنى تەڭ ئىشلەتمەسلىك، زۆرۈر بولمىغان قان بېرىش ۋە قان سالدۇرۇشنى ئازايتىش كېرەك. زۆرۈر بولۇپ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى ئانتىتېلانى تەكشۈرۈشتە، لاياقەتلىك قاننى سالدۇرۇش ھەم بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان شپىرىس ياكى دېزىنفېكسىيە قىلىنغان سايمانلارنى ئىشلىتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئەيدىزنىڭ قان ئارقىلىق يۇقۇشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان ھامىلىدار ئاياللارنى ۋاقتىدا ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن داۋالاش كېرەك، تۇغۇتتا ئۇلارنى زەخىملەندۈرۈپ قويىدىغان مەشغۇلاتلارنى قىلماسلىق، بوۋىقىنى ئەمدۈرمەسلىك كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، ھامىلە ۋە بوۋاقلارنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ. ئەيدىز يۇقتۇرۇۋالغان – يۇقتۇرۇۋالمىغانلىقىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ۋە مەسلىھەت سوراش – ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىر.
ئەيدىز ھەر بىر ئادەم ۋە ئائىلىگە تەھدىت سالىدۇ شۇنداقلا جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى.
|