باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>ئۇماق قوزام
بالىلارغا ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا ...
2008- 06- 30 12:41 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

      ياز كۈنلىرى ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتكەن كۈنلەردە  ئەسلىدىنلا ئىممونېت كۈچى ئاجىز بالىلارنىڭ ئىممۇنېت كۈچى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ ، ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ . ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا بالىلارنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەيدۇ . شۇڭلاشقا ياز كۈنلىرى مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ ، بالىلارغا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .

     مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان بالىلار دەسلەپتە كۆپ تەرلەيدىغان ، كېيىنچە تەر بېزىنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ ، تەر چىقمايدىغان ، تېمپىراتۇرىسى يۇقىرىلايدىغان بولۇپ قالىدىكەن ھەمدە ئاغزى قۇرۇش ، روھىي كەيپىياتى ناچارلىشىش ، بىئارام بولۇش ، چۆچۈش ۋە ھوشىدىن كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىكەن . ئېغىرراق بولغاندا ، مېڭە سۇلۇق ئىششىقى ، نەپەس ئاجىزلىشىش ، مۇھىم ئەزالارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى ئاجىزلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن . شۇڭلاشقا بالىلارنى ئاپتاپتا بەك ئۇزاق تۇرغۇزماسلىق ، ئىسسىقتا ئكينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش لازىم ئىكەن . بالىغا ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا ، سوغۇق لۆڭگىنى پېشانىسىگە قۇيۇش ، بەدىنىنى ئىلمان سۇدا سۈرتۈپ بېرىش ياكى %75 لىك ئىسپىرتنى بەدەن ۋە قۇلتۇققا سۈرتۈپ بېرىش ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا بېرىش بىلەن بىللە ، سوۋۇتۇلغان قايناقسۇنى كۆپ ئېچكۈزۈش لازىم . ئىسسىق ئكتۈپ قالغان بالىلارغا سىڭىشلىك ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان ، سۇيۇق – سەلەڭ تائاملارنى ھەمدە تەركىبىدە ۋىتامىن كۆپ بولغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك بېرىش ، ياغلىق يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك لازىمكەن  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ