باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
مۇھىت ئاسراش خالتىسى ئىشلەتكەندە مۇھىت ئاسراشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
2008- 06- 30 12:37 شىنجاڭ گېزىتى

   سۇلياۋ خالتىنى ئىشلىتىشنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شېنجېندىكى چوڭ سودا سارايلىرى ۋە تاللا بازارلىرىدا سۇلياۋ خالتىنى ئىشلىتىش مىقدارى تېز ئازايدى، ھەر خىل ماتېرىيالدا ئىشلەنگەن ھەر خىل شەكىلدىكى مۇھىت ئاسراش خالتىلىرى بارلىققا كەلدى. لېكىن مۇھىت ئاسراش خالتىلىرىنى ئىشلەتكەندە ھەقىقەتەن مۇھىت ئاسرىغىلى بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە مۇخبىر بىر نەچچە مۇتەخەسسىس ۋە شەھەر ئاھالىسىنى زىيارەت قىلدى، ئۇلارنىڭ مۇھىت ئاسراش خالتىسىنى ئىشلەش ۋە ئىشلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى ئوخشاش بولمىدى.

   ئوراش خالتىسى سېتىلىدىغان بىر ماگىزىندا مۇخبىر مۇھىت ئاسراش بەلگىسى بار توقۇلمىسىز رەختتىن تىكىلگەن بىر خالتىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ يىپىنى ئوتتا كۆيدۈرگەندە ئۇنىڭدىن قارا ئىس چىقىش بىلەن بىللە سېسىق پۇراق تارقالدى. بۇ بىر نەچچە يىلدا شېنجېندىكى بىر نەچچە سودا ساراي ئىزچىل تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق مۇھىت ئاسراشنى تەشەببۇس قىلىپ، خېرىدارلارنى مۇھىت ئاسراش خالتىلىرى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، ھازىر مۇنداق پائالىيەتلەر ئازىيىپ كەتتى.

   شەھەر ئاھالىسى لياڭ ئەپەندى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز پائالىيەت ئۆتكۈزگەندە خېرىدارلارغا مۇھىت ئاسراش خالتىسىغا قاچىلانغان سوۋغاتلارنى بەرگەن بولسىمۇ، خالتىنىڭ سۈپىتى ناچار بولغانلىقتىن، ئېغىرراق نەرسە قاچىلانسا بېغى ئۈزۈلۈپ كېتىدىكەن. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى قايتا ئىشلىتەلمەيدىكەن. باشقا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، رەخت خالتا ئاسان پاسكىنا بولۇپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەقسىز بېرىلگەنلىكتىن، كىشىلەر ئۇنى ئاسراپ ئىشلەتمەي، بىر – ئىككى قېتىم ئىشلىتىپلا تاشلىۋېتىدىكەن.

   تەكشۈرۈلۈشىچە، %80 ئىستېمالچى مۇھىت ئاسراش خالتىسىنى ئىشلەتكەندە ھەقىقەتەن مۇھىت ئاسرىغىلى بولىدىغانلىقىدىن، يېمەكلىكلەرنىڭ بۇلغانمايدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىكەن. شېنجېن ‹‹رۈيئېر›› مۇھىت ئاسراش پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى لۇ تيەنيۈن: ھازىر مۇھىت ئاسراش خالتىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە سېتىلىشى سەل قالايمىقان بولۇۋاتىدۇ. كۆپچىلىك مۇھىت ئاسراش خالتىسىنىڭ باھاسىنى سېلىشتۇرغاچقا، ئەرزان، سۈپەتسىز مۇھىت ئاسراش خالتىلىرى كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ، دېدى. مۇھىت ئاسراش پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دوكتور يى كۈيخاۋ: مۇھىت ئاسراش خالتىسىغا سەرپ قىلىنغان تەننەرخ بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ خالتىغا كېتىدىغان تەننەرختىن يۇقىرى، شۇڭا مۇھىت ئاسراش خالتىسىنىڭ مۇھىت ئاسراش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، پۇختا بولۇش دەرىجىسىگە كاپالەتلىك قىلىش، لايىھىلىنىشى ۋە چوڭ – كىچىكلىكى مال سېتىۋېلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ئۇنى تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدۇ، دېدى. ئۇ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ساھەلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەمنى بېكىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى، مۇھىت ئاسراش خالتىلىرى بازىرىنىڭ تەرتىپكە سېلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

‹‹تەرمىلەر گېزىتى››دىن 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ