باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
كرېدىت كارتىسىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولسىڭىز، پۇل تېجىيەلەيسىز
2008- 06- 30 11:33 شىنجاڭ گېزىتى

   كرېدىت كارتىسىلىق ئىستېمال ھازىر  يېڭىچە بىر خىل خىراجەت ئۇسۇلى شۇنداقلا يېڭىچە تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندى. ئىستېمالچى پەقەت كرېدىت كارتىسىنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى پىششىق ئىگىلىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان قوشۇلما قىممەتتىن تولۇق پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بەرسىلا، كرېدىت كارتىسى ئىستېمالچىنىڭ پۇل تېجىشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، ئۇنىڭغا يەنە بىر روزغار باشقۇرۇش يولىنى ئېچىپ بېرەلەيدۇ.

   قانداق قىلغاندا كرېدىت كارتىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغىلى بولىدۇ؟ ئۇنىڭ مۇنداق بىرنەچچە  يولى بار:

   1. ‹‹ئۆسۈم كەچۈرۈم قىلىنغان قەرز قايتۇرۇش مەزگىلى››دىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش. ھازىرقى ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيىسىدە كرېدىت كارتىسىنىڭ ئۆسۈم كەچۈرۈم قىلىنغان قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى روزغارچىلىق ۋاسىتىسى، دېيىشكە بولىدۇ.

   2. ‹‹پۇلنى مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرۇش›› ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، كارتىنى ئەپچىللىك بىلەن ئىشلىتىش.

   3. كارتا ئىشلىتىدىغان چاغدا چوقۇم كارتا ئىشلىتىش.

   4. ‹‹بانكا ھالقىپ قەرز قايتۇرۇش›› ئۇسۇلىدا كارتا ئىشلىتىش.

   5. قوش كارتىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشتىن پايدىلىنىپ تىت – تىتلىقتىن قۇتۇلۇش. كارتا ئىشلەتكۈچى بەزىدە مۇنداق بىر ئەھۋالغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن: كرېدىت كارتىسىدىكى قەرز پۇلنىڭ ئونكول قىلىش (قەرز قايتۇرۇش) قەرەلى توشۇپ قالغان، ئەمما ئۇنى تولۇقلاپ قوياي، دېسە، يېنىدا ئۇنچىلىك پۇل يوق. قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنداق چاغدا ئۇنىڭ يېنىدا باشقا بانكىنىڭ يەنە بىر كرېدىت كارتىسى بولسا، شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئاشۇ بانكىدىن ۋاقىتلىق قەرز پۇل ئېلىپ تۇرۇپ، يەنە بىر كارتىدىكى قەرز پۇلنى تولۇقلاپ قويسا بولىدۇ.

   6. ‹‹ئاپتوماتىك قەرز قايتۇرۇش›› غەمدىن خالاس قىلىدۇ. ناۋادا ئىستېمالچىنىڭ مائاشى بانكا ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان ھەم مائاش تارقىتىلىدىغان ۋاقىت مۇقىمراق بولسا، ئۇنداقتا، ئۇ مائاشى تارقىتىلىدىغان بانكىدىن كرېدىت كارتىسى بېجىرسە بولىدۇ. كارتا بېجىرگەندىن كېيىن، بانكا بىلەن ھېساباتىدىن قەرز پۇلنى ئاپتوماتىك تۇتۇپ قېلىش كەسپى بويىچە پۈتۈشسە، ئايلىق سىستېما پۈتۈشكەن بويىچە ئۇنىڭ ھېساباتىدىن ئۇتتۇرلۇق قەرز ئېلىنغان پۇلنى تۇتۇپ قالىدۇ. بۇنداق بولغاندا قەرز پۇلنىڭ قايتۇرۇلۇش قەرەلى ئۆتۈپ كېتىپ ئارتۇقچە ئۆسۈم تۆلەپ قالارمەنمۇ، دېگەن غەمدىن خالاس بولغىلى بولىدۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ