باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>ئۆي زىننەتلەش
خرۇستال چىراغنى تاللاش ئۇسۇلى
2008- 06- 27 12:30 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

   خرۇستال ئەمەلىيەتتە ئەينەكنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ساپلاشتۇرۇلغان ئەينەك مەھسۇلاتى. تەركىبىدىكى قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ ئاز– كۆپلۈكىگە ئاساسەن خرۇستال بۇيۇملارنىڭ باھاسى پەرقلىنىدۇ. خرۇستال چىراغ سېتىۋالغاندا تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش لازىم.

      بىرىنچى، ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى ۋە زىننەتلىنىش ئەھۋالىغا قاراش. خرۇستال چىراغ سېتىۋالغاندا ئۆي قەۋىتىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى، ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقى، ئۆي ئىچىنىڭ لايھىلىنىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى ئەتراپلىق ئويلىشىش.

     ئىككىنچى، يورۇتۇش دائىرسىنى ئويلۇشۇش. ئادەتتە خرۇستال چىراغنىڭ ئۆي ئىچىنى يورۇتۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى چىراغنىڭ دىئامېتىرى ياكى چىراغنىڭ ۋات سانى بەلگىلەيدۇ. خرۇستال چىراغنى ئۆيدىكى ئاساسلىق يورۇتۇش مەنبەسى قىلىپ، باشقا چىراغلارنى يانداش ئارقىلىق ئۆي ئىچىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى تەڭشەشكە بولىدۇ.

      ئۈچىنچى، خرۇستال چىراغنىڭ كۆركەملىكىدىن باشقا يەنە بىخەتەرلىكى، توك تېجەش ئۈنۈمى قاتارلىقلارمۇ چىراغ تاللاشتىكى مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئوخشىمىغان ماركىلىق خرۇستال چىراغلارنىڭ سۈپىتى ۋە باھاسىدا خېلىلا زور پەرق بار.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ