باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>ئۇماق قوزام
تەتىلدە بالىلارغا كۆپرەك پۇرسەت ۋە ئەركىنلىك بېرەيلى
2008- 06- 26 16:18 شىنجاڭ گېزىتى

ئېزىز يۈسۈپ

   ––– دادا ئىمتىھاننى بېرىپ بولسام، يازلىق لاگېرغا بارايمۇ؟

   ––– بالام، ئۆتكەن مەۋسۇمدە خىمىيە، فىزىكا دەرسىدە نەتىجەڭ تۆۋەن بولۇپ قالدى، بۇ مەۋسۇمدىمۇ ئانچە ئىلگىرىلەش يوق، شۇڭا تەتىل مەزگىلىدە ھېچ يەرگە بارماي خىمىيە، فىزىكا دەرسىنى تولۇقلاش كۇرسىغا قاتناشقاچ تەتىللىك تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلەيسەن، مەن كۆرسىتىپ بەرگەن كىتابلارنى ئوقۇيسەن.

   ––– قىشلىق تەتىلدىمۇ خىمىيە، فىزىكا كۇرسىغا قاتناشتىم، ئەھۋالىم يەنىلا شۇ، بۇ تەتىلدە كۇرسقا كىرگۈم يوق.

   ––– بولمايدۇ، بۇ تەتىلدە ئېچىلىدىغان كۇرسلار تېخىمۇ ئوبدان ئىكەن، يەنە بىر غەيرەت قىلىۋەت بالام.

   بۇ دادا بالىسىنى ھەر تەتىلدە ئۆز رايى بويىچە كۇرسقا بېرىش ئارقىلىق نەتىجىسىنى ئۆستۈرمەكچى. ئادەم ئىككى – ئۈچ كۈن ئۇيقۇسىز قالغاندا قىلغان ئىشىنىڭ ئۈنۈمى بولمىغاندەك، بىر مەۋسۇم ئوقۇپ، تاپشۇرۇق ئىشلەپ، ئىمتىھان بېرىپ چارچىغان بالىلار تەتىلدىمۇ دەم ئالماي ئوقۇسا، ئۇنىڭ ئۈنۈمى بولمايلا قالماي، كېيىنكى مەۋسۇمدىمۇ دەرسنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈشىگە تەسىر يېتىدۇ. بۇ جەھەتتە تەتقىقاتچىلار بۇرۇنلا يەكۈن چىقىرىپ بولغان، لېكىن ئاتا – ئانىلار، مەكتەپلەر بۇنىڭغا ئانچە ئېرەن قىلماي، ھە دېسە تاغارغا سامان تىقىش ئۇسۇلى بويىچە بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈش كويىدا بولىدۇ.

   مائارىپ مىنىستىرلىكى تۆت يىل ئىلگىرى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەتىل ۋە دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا دەرس تولۇقلاش كۇرسلىرىنى ئېچىشىنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق دەرس تولۇقلاش كۇرسلىرىنى ئېچىشىنى چەكلىگەنىدى. ئەمما ھازىرغىچە دەرس تولۇقلاش، تەكرارلاش كۇرسلىرى يەنىلا ئېچىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي بېسىمىنى، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلىتىۋاتىدۇ.
تەتىلدە شەھەردىكى بالىلار ئىمكان بولسا يېزىلارغا، يېزىلاردىكى بالىلار شەھەرلەرگە بېرىشى، مۇھىت ئالماشتۇرۇشى، تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىشى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە كۆپرەك قاتنىشىشى كېرەك ئىدى، لېكىن نۇرغۇن بالا مۇنداق قىلالمايۋاتىدۇ. شەھەردىكى بالىلار كۇرسلاردىن باش كۆتۈرۈلمەيدىغان، يېزىلاردىكى بالىلار ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىدىن قول ئۈزەلمەيدىغان ئەھۋال ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. مەيلى شەھەر بالىلىرىغا، مەيلى يېزا بالىلىرىغا نىسبەتەن تەتىل تەتىلدەك بولۇشى كېرەك.

   ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىل دەل بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىدىغان مەزگىلىدۇر. شۇڭا قىشلىق، يازلىق تەتىل ئۇلارنىڭ جىددىي ئوقۇشتىن ئازاد بولۇپ ئارام ئېلىشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شەھەر مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار تەتىلنىڭ ئالدىدا: دەرس تەكرارلاش كۇرسلىرىغا قاتنىشىش ھەركىمنىڭ ئىختىيارى، مەكتەپ مەجبۇرلىمايدۇ، دەپ تۇرۇپ، يەنە دەرس تەكرارلاش كۇرسلىرىدا كېلەر مەۋسۇمدە ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنىڭ ئالدىن تەكرارلىنىدىغانلىقى ۋە بۇنداق كۇرسلارنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. ئاقىۋەتتە سىنىپتىكى كۆپ سانلىق بالا بۇنداق كۇرسلارغا قاتنىشىدۇ.

   تەتىلنىڭ خوجايىنلىرى بالىلار. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ پىكرىنى ئالغان، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا، تەلىپىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئوبدان تەكلىپلەرنى بېرىپ، ئۇلارنى ئۈنۈملۈك دەم ئېلىشقا يېتەكلەش كېرەك. تەتىلدە بالىلارنىڭ قانچە كۇرسقا قاتناشقانلىقى، قانچىلىك تاپشۇرۇق ئىشلىگەنلىكىگىلا قارىماي، ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەنلىكىگە قاراش تېخىمۇ مۇھىم. تۈرلۈك كۇرسلارغا قاتنىشىش تەتىل كۈنلىرىنىڭ نوقۇل مەزمۇنى بولۇپ قالمىسۇن. تەتىلدە بالىلارغا كۆپرەك پۇرسەت، ئەركىنلىك بېرەيلى. ئۇلار ئاشۇ كۆڭۈللۈك تەتىل كۈنلىرىدە ئەركىن پائالىيەت قىلىپ، ئۆزلىرى خالىغان كىتابلارنى ئوقۇپ، دوستلىرى بىلەن بولىدىغان ئويۇنلىرىغا قېنىپ، ھاردۇقىنى چىقىرىپ، كېيىنكى مەۋسۇملۇق ئۆگىنىشكە ئىشتىياق بىلەن كىرىشىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئېنېرگىيە توپلىۋالسۇن. 
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ