|
گۈزەللىككە ئۆلچەم بېكىتكىلى بولمايدۇ،ئۇنى قانداقتۇر ‹‹فورمىلا››ئەمەس،بەلكى كۆپ ھاللاردا پۇرسەت مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.گۈزەللىك گويا تومۇزدىكى مېۋىگە ئوخشايدۇ،شۇڭا ئاسان سېسىيدۇ،ساقلىماق تەس.دۇنيادا نۇرغۇن ‹‹ساھىبجامال››بار،ئۇلارنىڭ تولىمۇ رومانتىك ياشلىق چاغلىرى بولغان ،لېكىن ئاخىرقى ئۆمرى تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئۆتكەن .چۈنكى گۈزەل چىراي بىلەن گۈزەل ئەخلاقنى بىرلەشتۈرگەندىلا ،گۈزەللىك ئاندىن ھەقىقىي نۇر چاچالايدۇ.
ناھايىتى سەت بىر قىزنى ساۋاقداشلىرى دائىم زاڭلىق قىلىدىكەن،ھەتتا ئۇنىڭغا ‹‹بەتبەشىرە››دەپ لەقەم قويۇۋالغانىكەن .باشقىلار ھەرقېتىم مۇشۇنداق چاقىرغاندا،ئۇ ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بۇلىدىكەن.بىركۈنى ئۇ يەنە زاڭلىق قىلىنىپ يىغلاپ تۇرغاندا بىر مېھرىبان بوۋاي ئۇچراپ قاپتۇ.ئۇ قىزنىڭ دەردىنى ئۇققاندىن كېيىن ،ئۇنىڭغا :‹‹بىرىنچى،چىرايىڭىزدىن سەمىمىي كۈلكە يېغىپ تۇرسۇن،ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن ئۇچراشقاندا چىرايلىق ئەھۋال سوراڭ ؛ئىككىنچى،ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز خاپىلىق تېپىۋالماڭ،چىرايىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى كاللىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ؛ئۈچىنچى،باشقىلارغا قولىڭىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىڭ ھەم ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ياردەم قىلىڭ.بۇلارغا ئەمەل قىلسىڭىزلا ،ئۈچ ئايدىن كېيىن مەكتەپ بويىچە ئەڭ چىرايلىق قىزغا ئايلىنىسىز››دەپتۇ.قىز بوۋاينىڭ دېگەنلىرىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئورۇنداپتىكەن ،ئۇزاق ئۆتمەي شۇ مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرى ياخشى كۆرىدىغان ،ئارىلىشىشنى خالايدىغان قىزغا ئايلىنىپتۇ...
بىر ئادەمنىڭ گۈزەللىكى بەش ئەزاسىنىڭ قاملاشقانلىقى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ،تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ قەلبى .قەلب گۈزەللىكىنىڭ سېھرىي كۈچىگە ھەرقانداق ھۆسىن تۈزەش ۋە گىرىم قىلىش بىلەن يەتكىلى بولمايدۇ.بىر ئادەمنىڭ سېھرىي كۈچى ئادەتتە چىرايىدا ئەمەس،بەلكى گۈزەل ئەخلاق ۋە ئەقىل–پاراسىتىدە بۇلىدۇ.چۈنكى چىرايىدىكى گۈزەللىك ئوچۇق–ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ،ھېچقانداق نەرسىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ؛گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئەقىل–پاراسەت بولسا ئاز–ئازدىن ئاشكارىلىنىدۇ.بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ زور سېھرىي كۈچنى نامايەن قىلىدۇ.مەسىلەن:گەپ–سۆز،يۈرۈش–تۇرۇش ھەرۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ھەمدە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.قىسقىسى بىر ئايال بىرخىل ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلالىشى مۇمكىن ،لېكىن ئۇ ئۆزىنى سانسىزلىغان يېڭى ،توغرا ئۇسۇل بىلەنلا چەكسىز سۆيۈملۈك قىلالايدۇ...
|