باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>ئائىلە ۋە نىكاھ
قانداق قىلغاندا ئەر – خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن ساقلىنىپ ، ئىناق ئائىلە قۇرغىلى بولىدۇ؟
2008- 06- 13 15:47 تەڭرىتاغ تورى

     نىكاھلانغاندىن كېيىن ئەر – خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا ئائىلە ئىشلىرى، ئىقتىسادىي مەسىلە، پەرزەنتلەر مەسىلىسى، قېرىلار مەسىلىسى قاتارلىقلاردا زىددىيەت تۇغۇلۇشتىن ساقلىنىش تەس. ئەگەر بۇنداق مەسىلىلەر ئوبدان بىر تەرەپ قىلىنمايدىكەن، ئەر- خوتۇنلار  ئوتتۇرسىدىكى ھېسسىياتقا تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا تۇرمۇش بۇزۇلۇپ كېتىشى مۈمكىن. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ئەر- خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى تۈرلۈك زىددىيەت، ماجرالاردىن ساقلىنىپ ئىناقلىقنى ساقلاپ قالغىلى ۋە داۋاماشتۇرغىلى بولىدۇ؟

    بىرىنچى، سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىڭ. قارشى تەرەپنىڭ ئاچچىقى كېلىپ تازا ئەزۋەيلەپ كەتكەندە، ئەڭ ياخشىسى گەپ قىلماي، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرىڭ ياكى بىر پىيالە چاي قويۇڭ، بۇ ئۇسۇل جىدەلنى ۋاقتىنچە پەسەيتىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئاچچىقى يانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

   ئىككىنچى، گەپنى يۆتكەڭ. قارشى تەرەپ مەلۇم ئىشنى تەگەپ قالغاندا، سىز دەرھال گەپنىڭ تېمىسىنى باشقا ياققا، بولۇپمۇ ھەر ئىككى تەرەپ خوشال بولىدىغان ئىشلار  توغرىسىدىكى گەپكە يۆتكەڭ، بۇ ئۇسۇل تەگەشنىڭ ئاخىرىنىڭ جېدەلگە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

   ئۈچىنچى، چاقچاق قىلىڭ. بۇ، جېدەل– ماجرانىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىكى ياخشى ئۇسۇل، ئۆز لايىقىدا قىلىنغان چاقچاق سۆزلەر جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىپ، ئىناقلىق پەيدا قىلىدۇ.

   تۆتىنچى، خاتالىقىڭىزنى تونۇڭ. ئەر- خوتۇنلارنىڭ ئۆز ئارا چىقىشالماسلىقىدا ئادەتتە ئىككىلا تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. شۇڭا كۆپرەك قارشى تەرەپنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تەكشۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خاتالىقىڭىزنى تونۇشىڭىز لازىم.

 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ