|
ياشانغانلار بىلەن پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە ئۆتكەندە تۆۋەندىكىدەك ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:
بىرىنچى، يان باسماسلىق. قىزى، كۈيئوغلى، كېلىنى شۇنىڭدەك نەۋرىلىرىنى ئوخشاش كۆرۈش، ھېچقايسىسىغا يان باسماسلىق لازىم.
ئىككىنچى، گۇمانخورلۇق قىلماسلىق. گەپ بولسا يۈزدە دېيىش، گۇمانىي مەسىلىلەر بولسا يۈزتۇرانە ئېنىقلاش، كەلسە- كەلمەس گۇمانلانماسلىق كېرەك.
ئۈچىنچى، گەپ توشۇماسلىق. دوست– بۇرادەرلىرى، ئۇرۇق– تۇغقان، قولۇم– قوشنىلىرىغا، پەرزەنتلىرىگە بولۇنغان ‹‹پاراڭ››لارنى سۆز– چۆچەك قىلىپ بەرمەسلىك، ئەكسىچە بۇنداق پاراڭلارنى قىلغۇچىلارغا نەسىھەت قىلىپ ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
تۆتىنچى، قۇسۇر تاپماسلىق. پەرزەنتلىرىنىڭ قىزىقىش– ھەۋەسلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ بەزى يېتەرسىز تەرەپلىرىدىن قوسۇر ئىزدىمەسلىك لازىم.
بەشىنچى ، ھاكىممۇتلەقلىق قىلماسلىق لازىم. چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنى تەكىتلەپ، كىچىكلەرنى ئاسرىمايدىغان ئەھۋاللارنى سادىر قىلماسلىق، ھەممىلا يەردە بۇيرۇقۋازلىق قىلماسلىق لازىم.
ئالتىنچى، تولا گەپ قىلماسلىق. دېيىشكە تېگشىلىك گەپ بولسا دېيىش، تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئىش بولسا تەقدىرلەش، پەرزەنتلەرگە ئۈگىتىشكە تېگىشلىك ئىشلار بولسا ئۈگىتىش، ھەدېسىلا كوتۇلداشتىن ساقلىنىش كېرەك.
|