|
بۇخەلچەم ئابدۇكېرىم
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى باشقا بىر مەكتەپكە يۆتكىلىپ، شۇ مەكتەپتە يېڭى تەسىس قىلىنغان سىنىپقا دەرسكە كىرگەن تۇنجى سائەتتە كەپسىزرەك، دەرستە كەينىدە قالغان بىر ئوقۇغۇچى دەرس چۈشىنىشلىك سۆزلەنمىگەچكە، ئۇنى زادىلا چۈشەنمىگەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۇۋاپتۇ. ئوقۇتقۇچى بۇ ئوقۇغۇچىدىن بىر نەچچە سوئال سوراپ ئۇنىڭ ماتېماتىكا دەرسىدىكى ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقىنى، ئۇنىڭغا مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئانچە ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلىپتۇ ھەم مەسىلىنى ئوقۇغۇچىغا قايتا – قايتا چۈشەندۈرۈپتۇ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار سائەتنىڭ توشۇپ كەتكىنىنى سەزمەي قاپتۇ.
يېرىم يىلدىن كېيىنكى بىر قېتىملىق ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنىدا ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئانىسىنىڭ ‹‹ئوغلۇم ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆزىگە ئوبدان مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، ماتېماتىكا دەرسىنى تىرىشىپ ئۆگەنمىسە مۇئەللىمگە يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى دەپلا يۈرۈيدۇ، ھازىر بالام خېلىلا تىرىشىدىغان بولۇپ قالدى، مانا قىسقىغىنا يېرىم يىلدا بالامنىڭ ھەر قايسى پەنلەردىكى نەتىجىسىدە خېلىلا ئىلگىرىلەش بولدى، ئۆيدە ئىلگىرىكىدەك <ئۆگىنىش قىل> دەپ ھەيدەكچىلىك قىلىشتىن قۇتۇلدۇم. مەن بالامنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇ مۇئەللىم بالامغا كۆيۈنۈپ يېتەكلىمىگەن بولسا، بالامنىڭ ئەھۋالىدا بۇنداق ئۆزگىرىش بولمىغان بولاتتى، ھازىر خاتىرجەم بولۇپ قالدۇق›› دېگەن گېپى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تارقالغان.
مېنىڭچە، ناچار ئوقۇغۇچى بولمايدۇ، گەپ ئوقۇتقۇچىدا. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىغا قىلغان بىر ئېغىز سەمىمىي سۆزى، كۆيۈنۈپ يېتەكلىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ساغلام ئۆسۈش – يېتىلىشىدە، دەرستە ئالغا ئىلگىرىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئوقۇتقۇچى سەمىمىي، كەمتەر، قىزغىن، ھەممە ئوقۇغۇچىنى تەڭ يېتەكلەيدىغان بولۇشى كېرەك. مائارىپنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى تەكشى يېتەكلەنمىسە قانداق بولىدۇ؟ بىز دەرس ۋە باشقا جەھەتلەردە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇلارنى تەڭ يېتەكلىسەك، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلىگەنلىكىنى كۆرىمىز؛ ئەكسىچە، ئۇلاردا ئۈمىد يوق، دەپ قاراپ، يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بەرمىسەك، ئۇلارنىڭ بارغانسېرى چېكىنىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. دېمەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە، ئۆسۈش – يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈنمىسە، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ، ئۆگىنىش ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالغا بېسىشتىن رايى قايتىدۇ. مۇنداق بىر ئىش بولغانىدى: مەكتەپتىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن تاللانغان تەجرىبە سىنىپقا مەسئۇل ئوقۇتقۇچى سىنىپىدا بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ دېگەندەك ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى باشقا سىنىپقا يۆتكىۋېتىشنى، بولمىسا، سىنىپنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە كۆپ قېتىم ئېيتقان، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ تەربىيە ئىشلىشى بىلەن ئۇ ئوقۇتقۇچى بۇ ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ كېتىشكە ئىرادە باغلىغان. بىرلىكتە تىرىشىش نەتىجىسىدە ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ ئوقۇغۇچىلاردا ئىلگىرىلەش بولغان. بالىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان – كۆرمەيدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوڭايلا بىلىۋالىدۇ. ناۋادا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنى باشقا ساۋاقداشلىرىدەك ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بايقاپ قالسا، ئۇ ئوقۇغۇچىدا قېيداش بولىدۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەكشى كۆيۈنۈشى، تەكشى يېتەكلىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىنى ئۇرغىتىدۇ، ئۇلارغا ئىلھام بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى ھەممە بالىنى ئوخشاش كۆرۈپ يېتەكلىشى كېرەك.
ئوقۇغۇچى — بىر نوتا. ئۇ قانداق پەرۋىش قىلىنسا، شۇنداق يېتىلىدۇ. نوتىنىڭ ياخشى – يامىنى بولمىغاندەك، ئوقۇغۇچىنىڭمۇ ناچىرى بولمايدۇ، گەپ پەرۋىشتە.
|