باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ئەيدىز ھەققىدە
ئادەم بەدىنىدىكى بىر خىل ئاقسىلنى تورمۇزلاش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ
2008- 06- 11 10:53 شىنجاڭ گېزىتى

      ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم بەدىنىدىكى بىر خىل ئاقسىلنىڭ ئاكتىپلىقى يوقىتىلسا، ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدىكەن. بۇ مۇھىم بايقاشتىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۈمىدى تۇغۇلدى. 

     تەتقىقاتچىلارنىڭ ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىلمىي ژۇرنىلى››نىڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ITK   ناملىق بۇ ئاقسىل T ھۈجەيرىسىدە بولىدىكەن. T ھۈجەيرە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىكەن، ئەيدىز ۋىرۇسى T ھۈجەيرىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يوقىتىدىكەن. تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، ITK نىڭ ئاكتىپلىقى يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ T ھۈجەيرىسىنى يۇقۇملاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلايدىكەن.

     بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ITK ئاقسىلى تورمۇزلانغاندا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاجىزلىتىدىغان كۆپ خىل رېئاكسىيە كۆرۈلۈپ، ۋىرۇسنىڭ ئادەم بەدىنىدە كۆپىيىشى كېچىكىدۇ ياكى تورمۇزلىنىدۇ، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

     تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ITK ئاقسىلى تورمۇزلانغاندا T ھۈجەيرىسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى نورمال ئىقتىدارى روشەن تەسىرگە ئۇچرىمايدىكەن. بۇنداق ئاقسىل كەم چاشقانلارمۇ باشقا ۋىرۇسلارنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرالايدىكەن. تەتقىقاتچىلار: مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ياسالغان دورىلار ھازىر ئەيدىزنى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ پايدىلىق تولۇقلىمىسى بولالايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. 

     بۇ تەتقىقات تۈرىگە ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ: بۇ يېڭى بايقاش ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقىشىنى توسۇش ئۈچۈن يېڭى نىشان كۆرسىتىپ بەردى، ئەيدىزنى داۋالاش جەھەتتە يېڭى ئۇسۇلنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن ياخشى ئەندىزە يارىتىپ بەردى، دېدى.

     ھازىر ئەيدىزنى داۋالاش ئۇسۇللىرىدا، مەسىلەن: تەتۈر خاتىرىلىگۈچىگە قارشى ۋىرۇسنى داۋالاش ئۇسۇلىدا يۇقۇملانغان ۋىرۇسلۇق ئاقسىل داۋالاش نىشان قىلىنىدۇ. لېكىن ئەيدىز ۋىرۇسى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، مەلۇم خىل داۋالاش ئۇسۇلى كار قىلمايدۇ. شۇڭا ھازىرغىچە ئەيدىزنى ساقايتقىلى بولىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى تېپىلمىدى. ئادەم تېنى ھۈجەيرىلىرىدىكى ئاقسىل ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ، شۇڭا بەزى تەتقىقاتچىلار ئادەم تېنى ھۈجەيرىلىرىدىكى ئاقسىلنى تەتقىقات نىشانى قىلدى.

     ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات مەھكىمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلار ITK ئاقسىلىنى تورمۇزلاش ئارقىلىق ئەيدىزنى داۋالاش پاتېنتىنى ئىلتىماس قىلدى. تەتقىقاتچىلار: بىرقانچە يىلدىن كېيىن مۇشۇ ئۇسۇلغا ئاساسەن دورا ياسىغىلى ھەم ئادەم تېنىدە كلىنىكىلىق سىناق قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن، دېدى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ