باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ئەيدىز ھەققىدە
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر ئون ئاساسىي ساۋات
2008- 06- 02 11:51 شىنجاڭ گېزىتى

     1. ئەيدىز ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى يۇقۇملۇق كېسەل. ھازىرغىچە ئۇنى ساقايتىدىغان دورا ۋە داۋالاش ئامالى تېپىلمىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

     2.ئەيدىز ئاساسلىقى جىنسىي ئۇچرىشىش، قان ئارقىلىق ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ.  

     3. تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ئەيدىز ئاغرىقلىرى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بىلەن نورمال ئالاقىدا بولغاندا ئەيدىز يۇقمايدۇ.

     4.پاكىزلىقنى ساقلاپ ئۆزىنى ئاسراش، جىنسىي ئەخلاققا رېئايە قىلىش ––– ئەيدىزنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈپ تەدبىر. 

     5. گاندوننى توغرا ئىشلەتكەندە، ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلانغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەيدىز، جىنسىي كېسەل يۇقتۇرۇشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

     6.جىنسىي كېسەللەرنى بالدۇر داۋالاتقاندا ھەم ساقايتقاندا، ئەيدىز يۇقتۇرۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. 

     7. شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئەيدىز يۇقتۇرۇشتىكى ئاساسلىق يول. شۇڭا زەھەرگە يېقىن يولىماي، ھاياتنى قەدىرلەش كېرەك.

     8.زۆرۈر بولمىغان قان بېرىش ۋە قان سېلىشتىن ساقلىنىش، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى ئانتىتېلا سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن قاننى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

     9. ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى كەمسىتمەسلىك—ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     10.ئەيدىز ھەر بىر ئادەم ۋە ئائىلىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ