|
ھازىر سېلىنىۋاتقان بىنالار سەككىز بال يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. لېكىن ئۆي زىننەتلەش جەريانىدا ئۆينىڭ كۆركەم بولۇشىلا كۆزدە تۇتۇلۇپ، يەر تەۋرەشكە قارشى ئىقتىدارى نەزەردىن ساقىت قىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۆي زىننەتلىگەندە مۇنداق بىرقانچە نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
1.ئۆينىڭ ئېغىرلىققا چىداملىق تېمىنى بۇزماسلىق. ئېغىرلىققا چىداملىق تام دېگىنىمىز 24 سانتىمېتىردىن يۇقىرى قېلىنلىقتىكى خىش قۇرۇلمىلىق تامنى كۆرسىتىدۇ. ئۆي زىننەتلەش جەريانىدا بۇنداق تامنى بۇزىۋېتىش ئىنتايىن خەتەرلىك. بولۇپمۇ بىرىنچى قەۋەتتىكى ئۆينىڭ ئېغىرلىققا چىداملىق تېمى ئېلىۋېتىلسە، پۈتۈن بىنا قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەرلىك ئەھۋاللارنى پەرەز قىلىش قىيىن. بولۇپمۇ سەككىز بال ياكى ئۇنىڭدىن كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندە پۈتۈن بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېغىرلىققا چىداملىق تام يېنىدىن دەرىزە ياكى ئىشىك ئېچىشمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك.
2.تام ئىچىدىكى پولات چىۋىقنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئېھتىيات قىلىش. ئەگەر تام ئىچىدىكى پولات چىۋىق بۇزۇلسا تامنىڭ چىدامچانلىقى تۆۋەنلەپ، قاتتىقراق يەر تەۋرىسە ئاسانلا يېرىلىپ كېتىدۇ.
3. بالكون يېنىدىكى قاشا تامنى بۇزماسلىق. ئادەتتە بالكون بىلەن ئۆي ئوتتۇرىسىدا ئىشىك، دېرىزە ئورنىتىلغان بولىدۇ. بۇ ئىشىك – دېرىزىنى بۇزۇپ ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. لېكىن دېرىزە ئاستىدىكى تامنى ئېلىۋېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. بۇ تام ئېغىرلىق تەڭشىگۈچى تام بولۇپ، ئۇ تارازىغا ئوخشاش بالكوننىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ تام چېقىۋېتىلسە بالكوننىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ، چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
4.ئۆي ئوتتۇرىسىدىكى تۈۋرۈكنى خالىغانچە چېقىۋەتمەسلىك. بۇنداق تۈۋرۈكنىڭ ئۈستى قەۋەتنى كۆتۈرۈش رولى بولۇپ، ئەگەر چېقىۋېتىلسە ئۈستى قەۋەتنىڭ چۈشۈپ كېتىش خەۋىپى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا تۈۋرۈكنى ھەرگىز چېقىۋەتمەسلىك لازىم.
5. ‹‹ ئۈچ ياكى بەشتىن مۇداپىئەلىنىش›› ئىشىكىنىمۇ خالىغانچە ئېلىۋەتمەسلىك. بۇنداق ئىشىكنىڭ رامكىسى بىتوندىن ياسالغان بولۇپ، ئەگەر چېقىۋېتىلسە قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسىغا تەسىر يېتىپ، بىخەتەرلىك كوئىفىنستى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ھەم ئىشىك ئېغىزىنىڭ قۇرۇلمىسى بۇزۇلۇپ، قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ تەس بولىدۇ.
6. ھاجەتخانا ۋە ئاشخانىنىڭ يەر يۈزىگە سۇدىن مۇداپىئەلىنىش قەۋىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قەۋەت بۇزۇۋېتىلسە، ئاستى قەۋەتكە سۇ ئېقىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا پول، چىنە خىش ياتقۇزغاندا سۇدىن مۇداپىئەلىنىش قەۋىتىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئېھتىيات قىلىش، ئەگەر بۇزۇلۇپ كەتكەندە قايتا ياساپ، 24 سائەت كۆزىتىپ بېقىش لازىم. ئەگەر سۇ ئۆتمىسە لاياقەتلىك بولغان بولىدۇ.
|