|
ئوقۇغۇچىلار نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى مەسىلە تاپالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ؟نېمە ئۈچۈن ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن دۆتلىشىپ كېتىدۇ؟دەرسخانا نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالماس بولۇپ قالىدۇ؟ ئوقۇغۇچىلاردىن چاقنايدىغان ئۇچقۇن نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى ئازلاپ كېتىدۇ؟... سەۋەب بىزنىڭ ئاددىي تەپەككۇرلۇق ئوقۇتۇشىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويۇۋاتىدۇ. شۇڭا مائارىپچىلار ھەر خىل ئەقىل – پاراسەت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشى، بىر تەرەپلىمە تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.
ئەڭ باب كەلگىنى – ئەڭ ياخشىسىدۇر
كىتابى بىلىملەرنى ئۆگىتىش تاكتىكىسى دەرس ئۆتۈشنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ يېڭى ئۇچۇرلارنى نامايان قىلىشقا ئەڭ باب كېلىدۇ. بۇنداق تاكتىكىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىلسا، ئوقۇغۇچىلارغا زور مىقداردا ئۇچۇر يەتكۈزگىلى بولىدۇ،پايدىلىنىش دەرىجىسى ئېشىپ كەتسە تاغارغا سامان تىققاندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ. سوئال – جاۋاب تاكتىكىسى پاكىتنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ، ئۆگەنگەن بىلىمنى تەكرارلاش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى سىناشقا باب كېلىدۇ. بۇنداق تاكتىكىدىن پايدىلىنىش مۇۋاپىق بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىگەن بىلىمىگە ياخشى باھا بەرگىلى، مۈجمەل جاۋابلىرىغا ئېنىقلىما بەرگىلى ھەم ئۇلارنى ياخشى يېتەكلىگىلى بولىدۇ؛ مۇۋاپىق بولمىسا، ئوقۇغۇچىلارنى تەمتىرىتىپ قويىدۇ. كۈندىلىك ئوقۇتۇشتا ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇ ئىككى خىل تەپەككۇر ئوقۇتۇشى ئەندىزىسىدىن كۆپرەك پايدىلىنىدۇ. دىئالوگ تاكتىكىسى تەپەككۇرنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ، تەپەككۇر ئوقۇتۇشىغا ئەڭ باب كېلىدۇ ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەڭ پايدىلىق. بۇنداق تاكتىكا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا ئېغىزچە ياكى يېزىقچە پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇنداق تاكتىكىنىڭ تۈرتكىسىدە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تېخىمۇ قارشى ئالىدۇ، مۇھىم نۇقتىلارغا چۈشەنچە ھەم كۆرسەتمە بېرىدۇ، ھالبۇكى، دىئالوگ تاكتىكىسى ياخشى كونترول قىلىنمىسا، دەرسخانا مۇنازىرىسى قالايمىقانلىشىپ، تېمىدىن چەتنەپ كېتىدۇ.
ئەڭ ياخشى ئوقۇتۇش تاكتىكىسى قانداق بولىدۇ؟ بىز مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىۋاتىمىز ھەم ئەڭ ياخشى ئوقۇتۇش تاكتىكىسى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىۋاتىمىز. ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ مەلۇم تەپەككۇر تاكتىكىسىنى قوللىنىشى نورمال ئەھۋال، ئەمما بىر خىل تاكتىكىنى زىيادە تەكىتلەش، ھەتتا بىر خىل تاكتىكىنىلا قوللىنىش ئوقۇتۇشقا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ پايدىسىز. شۇڭا بىز ھەر خىل تاكتىكىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەر خىل تاكتىكا بىلەن ئۇچراشتۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ ئۈچ خىل تەپەككۇر تاكتىكىسى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلسە، ئوقۇتۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.
ئوقۇتقۇچى ئۈلگە بولۇشى كېرەك
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چېچەن ئۆگەنگۈچىلەرنى يېتىشتۈرۈشتە، مۇھىمى، ئوقۇتقۇچى ئۆز ھەرىكىتىدە ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئۆگىنىشى، ئۈچ خىل تەپەككۇر ئەندىزىسىنى تەتبىقلاشنىڭ نەمۇنىسىگە ئايلىنىشى كېرەك. ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ قۇرۇق سەپسەتىسىنى ئەمەس، بەلكى ئىش – ھەرىكىتىنى ئاسانلا دورايدۇ.
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى ئوقۇغۇچىنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىغا يېتەكچىلىك قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ. ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەر بىر ئىش – ھەرىكىتى ئوقۇغۇچىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يىرىك مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش
مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىردىشىش جەريانىدا: ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئەستە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان دەرسلەر قايسى؟دېگەن سوئالغا ئۇلار ئومۇميۈزلۈك: ‹‹ئەھمىيەتلىك، كەيپىيات جانلىق بولغان،تەپەككۇر قوزغىتالىغان، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار پىكىر ئالماشتۇرغان دەرسلەر›› دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇنى چۈشىنىش قىيىن ئەمەس،چۈنكى دەرسخانىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش قانچە كۆپ بولسا، قىزىقىش شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، تەپەككۇر شۇنچە ئېچىلىدۇ. بۇنداق ئۈنۈمگە يېتىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالىشى كېرەك. بىر مائارىپشۇناس: ‹‹خىرىس خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ›› دېگەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىل – ئەدەبىيات ئۆگىنىشىنى مىسالغا ئالساق، بۇ يەردە بىلىش – بىلمەسلىك ياكى چۈشىنىش – چۈشەنمەسلىك مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى قانچىلىك بىلىش، قانچىلىك چۈشىنىش مەسىلىسى مەۋجۇت. ئوقۇتقۇچىلار يىرىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالىسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغىتالايدۇ، ئوقۇغۇچىلار مەسىلىگە باغلاش، سېلىشتۇرۇش، مەسىلىنى تەھلىل قىلىش، بايقاش ئۇسۇلى ئارقىلىق تېكىستنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنەلەيدۇ.
|