باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>ئەخلاق ۋە تەربىيە
بالىلار يالغان سۆزلىسە قانداق قىلىش كېرەك
2008- 05- 27 16:15 تەڭرىتاغ تورى

گۈلنۈر ئابلىمىت

     ئاتا – ئانىلارنىڭ ھەممىسى ئۆز پەرزەنتنىڭ  راستچىل ، سەمىمىي بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . بالىسىنىڭ يالغان گەپ قىلغانلىقىنى سەزگەندە ، خۇددى بالا ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك تەربىيە ببرىشكە ، ئەيىبلەشكە ئالدىرايدۇ .  بۇ تازا ياخشى ئۇسۇل ئەمەس . ئەگەر بالا راستتىنلا يالغان سۆزلىگەن بولسا ، ئالدىراقسانلىق قىلىپ بالىنى ئەيىبلىمەي ، يالغان سۆزلەشنىڭ سەۋەبىنى ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن تەھلىل قىلغاندىن كېيىن ، شۇنىڭغا قارىتا تەربىيە بېرىش لازىم.

     يېشى كىچىكرەك بالىلار ئۇنتۇغاق بولىدۇ ، ھەھشە بىر نەرسىلىرىنى يىتتۈرۈپلا يۈرىدۇ . مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار مەكتەپتە تاپشۇرۇقنىڭ يېرىمىنى ئىشلەپلا ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىپ ، قالغان يېرىمىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ . ئوقۇتقۇچى گەپ قىلغاندا ئويۇنغا ئالدىراپ ئۇنى زەن قويۇپ ئاڭلىمايدۇ - دە ، بېرىلگەن تاپشۇرۇقنى ئورۇنلىيالمايدۇ . كېيىن تەنقىدتىن قورقۇپ‹‹يالغان›› سۆزلەيدۇ ، ئەيىبلىسە قوبۇل قىلمايدۇ ، ھەتتا ئوقۇتقۇچىسىدىن رەنجىيدۇ .

     ئەمما ، مەقسەتلىك ھالدا يالغان سۆزلەيدىغان بالىلارمۇ ئاز ئەمەس . بۇ سەمىمىيەتسىزلىك بولۇپ ، بۇ خىل بالىلار جەمئىيەتتىكى بەزى ناچار ئىللەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ، ھەمراھلىرىنىڭ يالغان سۆزلەش ئادىتىنى يۇقتۇرۇۋالغان ۋە ياكى ئائىلە تەربىيىسىدە مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن .بالا يالغان سۆزلىگەندە ، ئاتا - ئانا ئالدى بىلەن يۇقىرىقى سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ ، يالغان سۆزلەشنىڭ نېگىزى ئۈستىدە ئىزدەنگەندىلا ، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچىنى تاپالايدۇ . بالىلارغا يالغان سۆزلەشنىڭ زىيىنىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش ، يەنى يالغان سۆزلەشنىڭ ئۆزىنىمۇ ، ئۆزگىنىمۇ ئالدايدىغان سەمىمىيەتسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى ، يالغان سۆزلىگەندە ئادەم ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېسىل نەرسىسى — ساداقەتمەنلىكتىن ۋە ئاتا – ئانا ، ئوقۇتقۇچى ھەم دوستلىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان ھۆرمەت ۋە ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك . ئائىلىدە مېھرىبانلىق ، كەڭ قورساقلىق ، دېموكراتىيە بولغاندىلا ، ئاندىن بالا راست گەپ قىلىدۇ . ئەنگلىيىلىك پسىخولوگ كىناتېر :‹‹يالغان سۆزلەش راست گەپ قىلىپ ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان بالىلارنىڭ پسىخىكا جەھەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش يولى ›› دېگەنىدى . ئەگەر بالىڭىز ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىنى ، چاتاق تېرىغانلىقىنى سىزگە راستچىللىق بىلەن سۆزلەپ بەرگەندە ، ئۇنى قاپاق تۇرمەي ئاڭلاپ ، ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بېرەلىسىڭىز ، بالا ھەرگىز يالغان سۆزلىمەيدۇ . ئەگەر بالا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ ، راست گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن سىزدىن تاياق يېسە ياكى ئەيىبلەشكە ئۇچرىسا ، كېيىنكى قېتىم ئۇ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ . بالىنىڭ يالغان سۆزلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇھىمى ئاتا - ئانا ئۆزى راستچىل بولۇشى ، سۆز ۋە ھەرىكىتى بىردەك بولۇشى ، بالىغا ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا تەربىيە ئىشلىمەي ، سەمىمىيلىك جەھەتتە ئۇنىڭغا ئۈلگە بولۇشى ، كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىشى ،ئۇنىڭ روھىي ھالىتىنى كۆپرەك كۆزىتىپ ئىجابىي جەھەتتىن يېتەكلىشى لازىم .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ