|
20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز بايقالدى، 1998 – يىلىدىن 1999 – يىلىغىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار تېز كۆپىيىش باسقۇچىغا كىرىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. ئەيدىزنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى يەتتە يىلدىن ئون يىلغىچە بولىدۇ، دەپ ھېسابلىساق، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئۆلۈش باسقۇچىغا يېتىپ قالدى ياكى يېقىنلىشىپ قالدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى شپىرىسنى تەڭ ئىشلەتكەنلىكتىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. بۇرۇنقى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنداق ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئاسان بۇزۇلىدىكەن، كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈش ۋاقتى قىسقىرايدىكەن.
ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئارىسىدا ياشلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغانلار ئومۇمىي يۇقۇملانغانلارنىڭ %96ىنى ئىگىلەيدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغانلارنىڭ جىنسىي تەلىپى يۇقىرى بولغاچقا، خەتەرلىك جىنسىي پائالىيەتلەر ئاسان كۆرۈلىدىكەن. شۇڭا ئۇلار ئەيدىزنىڭ خەۋپىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىكەن. 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغانلار ئۆسۈۋاتقان ھەم يېتىلىۋاتقان مۇھىم مەزگىلدە تۇرغاچقا، ئۇلاردا زەھەر چېكىش، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتەك خەتەرلىك ھەرىكەتلەر كۆپ سادىر بولىدىكەن، شۇڭا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى مۇشۇ ياشتىكىلەرگە مەركەزلەشكەن.
|