|
1 . باھاسى زىيادە ئەرزان ئۆي جابدۇقىنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ . بەزى ئۆي جاھازىلىرىنىڭ باھاسى زىيادە ئەرزان ، بەزى چاغدا بۇ خىل ماللارنىڭ باھاسى ھەتتا ئەسلىدىكى باھاسىدىن نەچچە مىڭ يۈەن تۆۋەن بولىدۇ ، ئەمما بۇ خىل ئۆي جابدۇقلىرىنىڭ سۈپىتى ناچار ، باھاسى ئەرزان ماتېرىياللاردىن ياسالغان بولىدۇ . بىراق بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ كۆرۈنۈشى بەك چىرايلىق بولغاچقا ، ئىستېمالچىلار بۇ خىل ‹‹سۈپىتى ئېسىل ، باھاسى ئەرزان››ئۆي سايمانلىرىنى كۆرگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي بۇ خىل جابدۇقلارنى سېتىۋالىدۇ .
2 . ئادەمنىڭ دىمىقىنى ئېچىشتۇرىدىغان پۇراق چىقىرىدىغان ئۆي سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ . بەزى ئۆي جاھازىلىرى بولۇپمۇ ئاشخانا جابدۇقلىرىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان ھامان ، ئادەمنىڭ دىمىقىنى ئېچىشتۇرىدىغان كۆزىنى ياشاڭغىرىتىدىغان پۇراق چىقىدۇ . بۇ ، بۇ خىل ئۆي جاھازىلىرىنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك تەركىبنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . بۇ خىل ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە سالىدىغان زىيىنى چوڭ . شۇڭا سۈپەت نازارەتچىلىكى بۇ خىل ئۆي جاھازىلىرىنىڭ سېتىۋېلىشنى چەكلەيدۇ . ناۋادا رىئال چەكلىمە سەۋەبىدىن بۇ خىل ئۆي جاھازىلىرىنىڭ سېتىۋېلىشقا توغرا كەلسە، ئەڭ ياخشىسى بىر مەزگىل شامالدىتىپ ، ئاندىن ئىشلىتىڭ .
3. سۇنئىي تاختىدىن ياسالغان ، ئەمما گىرۋەكلىرى تولۇق ئورالمىغان ئۆي جاھازىلىرىنىڭ سېتىۋىلىشقا بولمايدۇ . ئادەتتە سۇنئىي تاختىدىن ياسالغان ئۆي جاھازىلىرىنىڭ گىرۋەكلىرىنى ئوراش مەسلىسى ئىنتايىن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . ئەگەر ئۆي سايمانلىرى قاتتىقلىقى ئاشۇرۇلغان سۇنئىي تاختىدىن ياسالغان بولسا ، گىرۋەكلىرىلا ئەمەس ، باشقا يەرلىرىنىمۇ تولۇق ئوراش تەلەپ قىلىنىدۇ . شۇندىلا سۇنئىي تاختىنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىنىڭ قۇيۇپ بېرىلىشىنى چەكلىگىلى بولىدۇ . ئەمما ھازىر نۇرغۇن ئۆي جاھازىلىرى زاۋۇتى ماتېرىياللارنى تېجەش ئۈچۈن بۇ خىل ئوراش مەشغۇلاتىنى تۇلۇق قىلمايدۇ . شۇڭا ئىمكانىيەت يار بەرسە ، بۇ خىل ئۆي جاھازىلىرىنىڭ سېتىۋالمىغان ياخشى .
|