|
بازاردا بېزەك ماتېرىياللىرى بەك كۆپ ، نام – ئاتىقى خىلمۇ – خىل بولغاچقا ، ئىستېمالچىلار قايسىسىنى سېتىۋېلىشنى بىلمەي قالىدۇ . ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ : مەيلى قايسى خىل بېزەك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىڭ ، ھوقۇقىڭىزنى قوغداشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . بۇ جەھەتتە سىز دىققەت قىلىشقا ۋە قوللىنىشقا بولىدىغان مۇنداق ‹‹تۆت تەدبىر›› بار :
1. ئۆي بېزەك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالغاندا ئىشنى ئازايتىشنى ئويلىماڭ . چوقۇم تۈرلۈك ماللارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ ، چۈشەنگەندىن كېيىن ، ئاندىن مال زاكاس قىلىڭ .
2 .ئۆي بېزەك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالغاندا ئەرزانغا يۈگۈرمەڭ . چوقۇم بىخەتەر ۋە ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ماركا چاپلانغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىڭ . سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ساتقۇچىلاردىن مەھسۇلاتنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىش دوكلاتىنى سوراپ ئېلىڭ .
3 . ئۆي بېزەك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالغاندا ھوقۇقىڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ . سودىگەرلەردىن مال سېتىۋېلىش تالونىنىڭ ئۈستىگە مەھسۇلاتنىڭ نامى ، تىپى ، سانى ، باھاسى ، دەرىجىسى قاتارلىقلارنى يازدۇرپ قول قويدۇرۇۋېلىڭ . يەنە مەھسۇلاتقا ئائىت ھەر خىل ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ .
4 . بېزەك ماتېرىياللىرىنى تاللاپ سېتىۋالغاندىن كېيىن ، مۇناسىۋەتلىق تالون – ھۆججەتلەرنى ياخشى ساقلاڭ .
|