باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>ئەخلاق ۋە تەربىيە
تەربىيە كۆرگەن ئادەملەرنىڭ پەزىلىتى
2008- 05- 16 12:52 شىنجاڭ گېزىتى

     1.تەربىيە كۆرگەن ئادەم ۋاقىتقا رىئايە قىلىدۇ. توي  –  تۆكۈنگە، چاقىرغان ھەم ۋەدىلىشىپ قويغان يەرگە قەتئىي كېچىكمەي بارىدۇ. قەستەن كېچىكىشنىڭ ۋاقتىدا كەلگەنلەرگە نىسبەتەن  ھۆرمەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

     2.  تەربىيە كۆرگەن ئادەم سۆھبەتدىشىنىڭ سۆزىگە ئەستايىدىل قۇلاق سالىدۇ. باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، سۆزىنى بۆلۈۋەتمەيدۇ. ئۇلار ھەمىشە قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرىدۇ. چۈنكى كۆڭۈل بىر يەردە بولمىسا، قارشى تەرەپنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدۇ.

     3.تەربىيە كۆرگەن ئادەم باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدۇ. باشقىلارنىڭ كۆزقارىشىغا قوشۇلمىسىمۇ، ھەرگىز ‹‹بىكار گەپ››، ‹‹ئېغىزغا كەلگەننى جۆيلۈش›› دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى قىلمايدۇ. بەلكى ئۆزىنىڭ قارشى پىكرىنى سالماق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.  

     4. تەربىيە كۆرگەن ئادەم ۋەدىسىنى ئورۇندايدۇ.  ھەرقانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىدىن قەتئىينەزەر، ۋەدە قىلغان ئىشىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ناۋادا ئورۇندىيالماي قالسا، ئورۇنلۇق كەچۈرۈم سورايدۇ، ئۆزىنى ئاقلاپ باھانە كۆرسەتمەيدۇ.

     5. تەربىيە كۆرگەن ئادەم كەمتەر بولىدۇ. باردى – كەلدى قىلىشلاردا ئۆز ئورنىنى كۆز – كۆز قىلمايدۇ، ئۈستۈنلۈك تالاشمايدۇ.

    6.تەربىيە كۆرگەن ئادەم ھېسداشلىق تۇيغۇسىغا باي كېلىدۇ. باشقىلار بەختسىزلىككە ياكى قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ھەرگىز قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرمايدۇ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىدۇ.

    ئابدۇجاپپار ھامىدىن تەييارلىغان
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ