باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>ئەخلاق ۋە تەربىيە
بالىلاردا ھەق ناھەق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك
2008- 05- 15 10:50 شىنجاڭ گېزىتى

ئەلقەم راخمان

     مەن بەزى دوست – بۇرادەرلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ كىچىك تۇرۇپلا ئۆزىدىن چوڭ بالىلارنى قورقۇتالايدىغانلىقى، باشقا بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق ۋە نەرسىلىرىنى تارتىپ ئالالايدىغانلىقى توغرىسىدا ماختىنىپ سۆزلەپ كېتىدىغانلىقىنى، بەزى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىچىككىنە ئىشلارنى دەپ ئۆزئارا مۇشتلىشىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمەن. بۇ، شۇ بالىلاردا ھە دېسىلا زورلۇق، ئۆكتەملىك قىلىدىغان مىجەز – خاراكتېرنىڭ يېتىلىپ، ھەق – ناھەقنى ئايرىماسلىق خاھىشىنىڭ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق مىجەز ئۆزگەرتىلمىسە، بالىلارنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

      ئادەمنىڭ ھەق – ناھەقنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى، شۇنداقلا ھەق – ناھەق ئېڭى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلىدۇ. ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بالىلارغا ھەق – ناھەقنى پەرق ئېتىش تەربىيىسى بېرىپ، ئۇلاردا توغرا ئىنسانىي ئەخلاق يېتىلدۈرۈش پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نازۇك ھەم مۇھىم مەسىلىدۇر. مۇبادا بىز بۇ جەھەتتىكى تەربىيىنى بالىلار ئاق – قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولغاندا باشلىساقمۇ بولىدۇ، دەپ يۈرسەك، كېچىكىپ قالىمىز. چۈنكى بالىلاردا ھەق –  ناھەقنى ئايرىمايدىغان، شەخسىيەتچى، زوراۋان، ئۆكتەم خاراكتېر يېتىلىپ بولغاندا ئۇنى ئۆزگەرتىش تەسكە توختايدۇ. بۇنداق مىجەز – خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈۋالغان بالىلار جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن دائىم ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ئاۋارىچىلىك تېپىپلا يۈرۈيدۇ. شۇڭا بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ھەق – ناھەقنى پەرق ئېتىش تەربىيىسى بېرىپ، ئۇلاردا ھەق – ناھەق ئېڭى تۇرغۇزۇش ئىنتايىن زۆرۈر. پەرزەنتلەرنى ئەخلاقلىق، ھەق – ناھەقنى ئايرىيدىغان قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار ئۈلگە بولۇشى كېرەك. پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئىش – ھەرىكەت، سۆزلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ مىجەز – خاراكتېر يېتىلدۈرىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتىدە پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولۇشى، پەرزەنتلەرنى ھەق – ناھەقنى ئايرىيالايدىغان ھەم ھەق – ناھەققە لايىقىدا ئىنكاس قايتۇرالايدىغان، زىدىيەتكە يولۇققاندا توغرا ھەل قىلىش ئۇسۇل – چارىسى تاپالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ