باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ئەيدىز ھەققىدە
ئەيدىزنىڭ ئالتە خىل كونكرېت ئالامىتى
2008- 05- 13 12:16 شىنجاڭ گېزىتى

       ئادەتتىكى ئالامەتلىرى: ئەيدىز بولغان ئادەم داۋاملىق قىزىيدۇ، زەئىپلىشىدۇ، ئوغرى تەرلەيدۇ، پۈتۈن بەدىنىدىكى يۈزە لىمفا تۈگۈنلىرى ئىششىيدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچ ئاي ئىچىدە %10تىن كۆپ تۆۋەنلەيدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا %40تىن كۆپ تۆۋەنلەپ، ئەيدىز بولغان ئادەم كۆرۈنەرلىك ئورۇقلايدۇ. نەپەس يولىدىكى ئالامەتلەر: ئەيدىز بولغان ئادەم ئۇزاققىچە يۆتىلىدۇ، كۆكرىكى ئاغرىيدۇ، نەپىسى قىيىنلىشىدۇ، ئېغىر بولغاندا قان ئارىلاش بەلغەم كېلىدۇ. ھەزىم يولىدىكى ئالامەتلەر: ئەيدىز بولغان ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، كۆڭلى تاماق تارتمايدۇ، ئېلىشىدۇ، قۇسىدۇ، ئىچى سۈرىدۇ، ئېغىرلاشقاندا قانلىق تەرەت كېلىدۇ. ئادەتتە ھەزىم يولى يۇقۇملىنىشىنى داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان دورىلار بۇنداق ئالامەتلەرگە مەنپەئەت قىلمايدۇ. نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئالامەتلىرى: ئەيدىز بولغان ئادەمنىڭ بېشى قايىدۇ، ئاغرىيدۇ، ئىنكاسى ئاستىلايدۇ، ئەقلىي ئىقتىدارى چېكىنىدۇ، روھى نورمالسىزلىنىدۇ، دۆۋلىنىش (بەدەن تارتىشىش)، يارتا پالەچلىك، دېۋەڭلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. تېرە ۋە شىللىق پەردىلەردىكى زەخىملىنىشلەر: ئەيدىز بولغان ئادەمدە يامراش خاراكتېرلىك دۆڭچە ئەسۋە، بەلۋاغسىمان قوقاق، ئېغىز بوشلۇقى ۋە يۇتقۇنچاق شىللىق پەردىسى يەللىگلىنىش ۋە يارا پەيدا بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۆسمە: ئەيدىز بولغان ئادەمدە كۆپ خىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولۇشى مۇمكىن؛ بەدىنىنىڭ يۈزە قىسمىدىكى كاپوزى ساركومىسىدا قىزىل ياكى سۆسۈن داغلىق ئەسۋىلەر، دۆڭچە ئەسۋىلەر ياكى يامراش خاراكتېرلىك مونەكلەر كۆرۈلىدۇ.

       بەش خىل كلىنىكىلىق ئالامەتنىڭ ئىپادىلىنىش ئالاھىدىلىكلىرى: 1.ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. %80 كېسەل 18 – 45 ياشلىقلاردا، يەنى جىنسىي ئىقتىدارى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشتىكىلەردە كۆرۈلىدۇ. 2. ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئادەمدە دائىم بەزى ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللەر، مەسىلەن: ئۆپكە سىپورىلىق قۇرت كېسىلى، يا شەكىللىك تەنچە كېسىلى، تىپىك بولمىغان مىكرو باكتېرىيە(ئاچىماق تاياقچە باكتېرىيە) ۋە زەمبۇرۇغلاردىن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. 3.ئەيدىز بولغان ئادەمدە يۇقىرى بەدەن لىمفا بەزلىرى كەڭ دائىرىدە داۋاملىق يوغىنايدۇ، بولۇپمۇ بويۇن، قولتۇق ۋە يىرىق لىمفا تۈگۈنلىرى كۆرۈنەرلىك يوغىنايدۇ؛ لىمفا تۈگۈنىنىڭ دىئامېتىرى بىر سانتىمېتىردىن يۇقىرى بولۇپ، تېگى قاتتىق، مىدىرلاتقىلى بولىدۇ، ئاغرىمايدۇ. 4. ئەيدىز بولغان ئادەمدە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ئەگىشىپ كېلىدۇ. 5. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئالامەتلىرى: تەخمىنەن %30 ئەيدىز ئاغرىقىدا باش ئاغرىش، ئەس – ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، دېۋەڭلىك، دۆۋلىنىش(بەدەن تارتىشىش) قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، دائىم يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەلئەت سابىت تەرجىمىسى          

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ