|
نۆۋەتتىكى ئۆي سېتىۋېلىش، ئۆي بېزەش قىزغىنلىقى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىېلى كۆپ زىيانلارغا سالدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى بەزى ئىستېمالچىلىرىمىزنىڭ پۇل خەچلەشتىكى پەمىنىڭ يوقلۇقىدىن دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۆي بېزىگەندە قانداق قىلغاندا پۇل تېجىگىلى بولىدۇ؟
1. ئىشكاپ ياساتقاندا، ئىشكاپقا يان ياغاچ مىخلاشنىڭ ھاجىتى يوق. ياغاچ ماتېرياللىرىنى تېجەپ پۇل ئىقتىساد قىلىش ئۈچۈن، ئىشكاپ يانداش تامغا ياغاچ مىخلاش مەسىلىسىنى ئويلىشىش كېرەك. ئىشكاپنى ئۆزى ياساتقاندا تامغا ياغاچ مىخلىنىدۇ. تامغا ياغاچ مىخلاشنىڭ نەم تارتىپ قېلىشتىن ساقلاش ئالاھىدىلىكى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئېغىر نەرسىلەرنى قويۇش مەسىلىسى ئويلىشىلغان بولىدۇ. ئەگەر ئىشكاپ ياندىشىدىغان تامدا نەم تارتىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، شۇنداقلا ئىشكاپقا ئېغىر نەرسە قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئەھۋالدا، ئىشكاپ يانداش تامغا ياغاچ مىخلاشنىڭ ھاجىتى يوق. بولۇپمۇ ھۇجرا ئۆيدىكى ئىشكاپقا ئاساسەن خۇسۇسىي بۇيۇملار بىلەن پەرداز بۇيۇملىرى قويۇلىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل ئىشكاپ يانداشقان تامغا ياغاچ مىجلاشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇنداق قىلغاندا پۇل ئىقتىساد قىلغىلىمۇ، ئىشكاپنى كۆركەملەشتۈرگىلىمۇ بولىدۇ.
2.ئاشخانا ئەسلىھەلىرىگە دۆلىتىمىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىڭ. ئاشخانىدىن پۇل تىجىمەكچى بولسىڭىز ئىشنى چوقۇم ئاشخانا ئەسلىھەلىرى بىلەن چاقچۇق چاپلاشتىن باشلاڭ. مۆلچەردىن تاكى خام چوتقىچە ئۆز ئالدىڭىزغا ھېسابات قىلىپ، ئاساسەن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەھسۇلات ئىشلىتىڭ. ئەگەر ئاشخانىدىكى پەشتاختا يۈزىگە مەرۋايىت تاش ئىشلەتسىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى بولىدۇ. ئەمما پۇل جىددىچىلىكى مەۋجۇت ئەھۋالدا سۈنئىي مەرۋايىت تاش ئىشلىتىش يەنىلا ئەقىلگە مۇۋاپىق تاللاش.
3. ئۈچ قىرلىق ئاليومىن قېتىشما دېرىزە پۇل تېجەپ بېرىدۇ. بالكوننىڭ دېرىزە كىشىكىگە ئۈچ قىرلىق ئاليومىن قېتىشمىسى ئىشلىتىلسە، ئۇنىڭغا قاتتىقلىقى ئاشۇرۇلغان ئەينەك سەپلەنسە ھەمدە كاتەكچىلەرگە بۆلۈنسە، خەجلەشكە تېگىشلىك پۇلنىڭ تەڭ يېرىمىنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ.
4. ئەينەكنى ئاليومىن قېتىشمىسىغا ئالماشتۇرۇش. بالكونغا چىقىدىغان ئىشىكنىڭ ئاستىنقى بۆلىكىنى ئاليومىن قېتىشمىسىدىن ياساش ئۆي ئىگىلىرى ئەڭ قىزىقىدىغان تەرەپ، بىراق چىقىم كۆپ بولىۋاتقان چاغدا ئاليومىن قېتىشمىنسىنىڭ ئورنىغا ئەينەك ئىشلىتىلسە ئۈنۈم يەنىلا ئوخشاش بولىدۇ، شۇنداقلا خەجلەيدىغان پۇلىڭىزنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تىجەپ قالالايسىز.
5.پاسىل تام سېلىپ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى راسلاش. كىيىم ئالماشتۇرىدىغان ئۆيىنى ياسىماق ئاشخانا ئۆينى بېزەشكە قارىغاندا كۆپ ئەرزان. ناۋادا بالىڭىزغا بۆلۈپ بەرگەن ھوجرا چوڭ بولسا، ئۇنىڭدىن 3 كۇۋادىرات مېتىر ئەتىراپىدىكى بوشلۇقنى ياغاچ تام بىلەن ئارىۋالسىڭىزلا، سىزنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىڭىز پۈتىدۇ، ئەگەر لاھىيىلىگۈچى دانا بولسا، ياغاچ تامدىن خىلمۇ ـ خىل شەكىل چىقىرىپ، سىزگە گۈزەللىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.
6. يەرگە ياتقۇزماقچى بولغان پول ياغىچىغا كىچىكىنە پۇت بېكىتسىڭىز، بالىڭىزغا باپ كارۋاتقا ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر ئىككى قىزىڭىز ياكى ئىككى ئوغلىڭىز بار دەيلى، ئۇلارغا ئاجىرتىلغان ئۆيگە قوش كىشلىك كارۋاتتىن بىرنى ياكى يالغۇز كىشىلىك كارۋاتتىن ئىككىنى قويماي بولمايدۇ. بىراق ئۆيگە ياغاچتىن پول ياتقۇزىدىغان گەپ، شۇڭا پولنىڭ ئاستىغا بەشلىك ياغاچ قېقىپ، پول ياغىچىنى يەر يۈزىدىن ئايرىساق، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە ماتراستىن ئىككىنى تاشلىساق، يالغۇز كىشىلىك كارۋاتتىن ئىككىنى سېتىۋالىدىغان پۇل تىجىلىپ قالمامدۇ؟
7.ياغاچ ئىشكاپقا سېرىلما ئىشىكىنى سەپلەشنىڭ پايدىسىمۇ ئاز ئەمەس. ناۋادا ئۆي بېزەۋېتىپ راستىنلا پۇل تېجەش نىيىتىگە كەلگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا ياغاچ ماتېرىياللىرىنى تېجەپ ئىشلىتىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇڭ. ئادەتتە ياغاچتىن ئىشكاپ ياسىماقچى بولسىڭىز، ياغاچچنىڭ ئىش ھەققى بىلەن ئىشكاپقا لازىملىق مېتال ماتېرىياللىرىنى ھېسابلىغاندىن باشقا، يەنە ئىشكاپ ئىشىكىنى سىرلاشقىمۇ ھەق تۆلىمەي بولمايدۇ. ئەگەر پۇل تىجىمەكچى بولسىڭىز، ياغاچچىغا ئىشكاپنىڭ قۇرۇلمىسىنى تۇرغۇزغۇزۇڭ، ئاندىن سېرىلمىلىق ئىشكاپ ئىشىكىنى ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ سەپلەڭ، بۇنداق قىلغاندا ئىشكاپ ئىشىكىنى سىرلاش خىراجىتىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سېرىلمىلىق ئىشكاپ ئىشىكىنىڭ تەننەرخى ياغاچتىن ياسالغانغا قارىغاندا كۆپ ئەرزان، بۇ چارە سىزگە خېلى كۆپ پۇل تىجەپ بېرىدۇ.
8. ئايرىش تېمىنى ئاياغ ئىشكاپىغا ئالماشتۇرۇڭ. بەزىلەر مېھمانلار ئىشىكتىن كىرىپلا مېھمانخانا ئۆينى كۆرىدىغان ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، سىرتقى ئىشىكنىڭ ئۇدۇل تەرىپىگە ئىشكاپ ياسىتىدۇ. بۇنداق ئىشكاپقا خېلى كۆپ خىراجەت كېتىدۇ. ناۋادا ئۇنى ئاياغ ئىشكاپى ئىقتىدارىغا ئىگە قىلساق، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققان بولمامدۇق. گەرچە ئاياغ ئىشكاپىغا كېتىدىغان پۇل ئاددىلا ياسىلىدىغان پاسىل تامغا كېتىدىغان پۇلدىن كۆپ بولسىمۇ، ئىشلىتىلىشچانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، يەنىلا ئۇنىڭغا كېتىدىغان چىقىم قۇرۇق قويىدىغان پاسىل تامغا كېتىدىغان پۇلدىن كۆپ ئازدەك كۆرىنىدۇ.
9. نۇرلۇق تاش كىسەكنى گىرانات تاشنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇڭ. نۇرلۇق تاش كېسەك گىرانات تاشقا يەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇ تېيىلغاق ئەمەس. شۇڭا پارقىراق گىرانات تاشنىڭ ئۈنۈمىگە قىزىقىدىغانلارغا بۇنداق قىممەت تاشنىڭ ئورنىغا پاقىراق تاش كېسەكنى ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى بەرسەك بولىدۇ. پاقىراق تاش كېسەكنى مېھمانخانىنىڭ پولىغا ياتقۇزسىڭىز ئۈنۈمى گىرانات تاشتىن قېلىشمايدۇ، ئەمما سىزگە كۆپ پۇل تىجەپ بېرىدۇ. ناۋادا 60 سانتىمىتېرلىق پاقىراق تاش كېسەكنى تاللىسىڭىز، تېجەپ قالىدىغان پۇلىڭىز تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.
|