|
زىۋىدە ئابدۇكېرىم
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئائىلە قۇرۇلمىسدىمۇ بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر بولماقتا . بۇرۇنقى ئۆز دادا ، ئۆز ئانا ۋە بىر تۇغقان پەرزەنتلەردىن تەشكىل تاپقان ئائىلىلەرنى زور دەرىجىدە ئاساس قىلغان ئائىلىلەردىن ھازىرقى ئۆز ئانا ياكى ئۆز دادىسى بار ئائىلە ، ئۆگەي ئانا ياكى ئۆگەي دادىسى بار ئائىلە ، بالىسى يوق ئائىلە قاتارلىقلارمۇ جەمئىيىتىمىزدە بارغانسېرى كۆپ سالماقنى ئىگىلىمەكتە . تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇنداق ئائىلىلەرگە‹‹مۇكەممەل بولمىغان ئائىلە ›› دەپ ئىسم قويۇپ ، بۇنداق ئائىلىنىڭ بالىلىرىدا مەسىلە كۆرۇلۇش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئامال بار ئاتا - ئانىلارنى ئاجرا شماسلىققا ئۇندىمەكتە .
بىراق ، مە سىلىسى بار بالىلار تەتقىقاتى ‹‹مۇكەممەل ئائىلە›› دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئائىلىلەردىمۇ ئەگەر دائىم زوراۋانلىق كۆرۈلسە ، گەرچە ئائىلە مۇھىتى ۋە تەربىيىسىدە مەسىلە بولمىسمۇ ، ئوخشاشلا بالىلاردا مەسىلە كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى .شۇڭا مەن بۇ ماقالەم ئارقىلىق ،‹‹مۇكەممەل بولمىغان ئائىلە ›› دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئائىلىلەردىمۇ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىنسلا ، بۇنداق بالىلارنىڭ‹‹مۇكەممەل ئائىلە ›› لەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلاردىنمۇ ساغلام ئۆ سۈپ يېتىلىدىغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتمەكچى .
مەسىلىسى بار بالىلار دېگىنىمىز ، پسىخىكىلىق تەرەققىياتى ، ئەخلاقىي ساپاسى ۋە قىلمىش ئادەتلىرى ئادەتتىكى نورمال بالىلارنىڭ ئۆلچىمىگە يەتمەيدىغان بالىلارغا ، يەنى مۇشۇ جەھەتلەردە مەسىلە كۆرۈلگەن بالىلارغا قارىتىلغان . ئۇنداقتا ، ‹‹مۇ كەممەل بولمىغان ئائىلە ›› دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئائىلىلەر پەرزەنت تەربىيىسىدە قايسى جەھەتلەرگەدىققەت قىلىشى كېرەك ؟
1. ئالدى بىلەن پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارىشىنى ، بۇنداق ئائىلىلەرگە قويغان ئىسىمدىن تارتىپ ئۆزگەرتىش ،‹‹بۇنداق ئائىلىنىڭ بالىلىرىدا مەسىلە كۆرۈلىدۇ ›› دېگەن قاراشنى تۈگىتىش ، ئۆگەي ئانىلارنىڭ خەلق چۆچەكلىرىدىكى بەلگىلىنىپ قالغان ئوبرازىنى يوقىتىش كېرەك . ھازىر جەمئىيىتىمىزدە بۇنداق ئائىلىلەر مەۋجۇت ، ھەتتا كۆپىيىۋاتماقتا . شۇنداق ئىكەن ، بىز ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ساغلام ، مۇكەممەل چوڭ بولۇشىغا يول ئېچىپ ، ئامال بار جەمئىيەتتىكى مەسىلىسى بار بالىلارنى ئازلىتىشىمىز كېرەك .
2. بالىلاردىكى مەسىلىنىڭ نېگىزى ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانسىى بېرىشكە تېگىشلىك مۇھەببەتكە تولۇق ئېرىشەلمەسلىكىدە بولۇپ ، ھەرقانداق ئائىلە مەيلى ئاجراشقان ياكى بىرەر تەرەپ تۈگەپ كەتكەن ئائىلە بولسۇن ، ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىغا ئاساسەن ، بالىلار ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان مۇھەببەتكە خيانەت قىلماسلىقى كېرەك . ئاجرىشىپ كەتكەنلەر بولسا ، بالىنى ئالمىغان تەرەپ چوقۇم بالىغا كۆيۈنۈ شى ، بالىغا بولغان مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كەچمەسلىكى ، بالىنى ئالغان تەرەپمۇ شەخسىي ئۆچمەنلىكنى دەپ بالىنى قارشى تەرەپكە كۆرسەتمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك .
3. ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ پسىخىكىسى ساغلام بولۇشى كېرەك . پاسسىپ كەيپىيات يۇقۇملىنىدۇ . شۇڭا ئاتا - ئانىلار ئامال بار تۇرمۇشقا توغرا مۇئامىلە قىلىپ ، ئۆزىنىڭ پسخىكسىىنى تەڭشەپ ، پاسسىپ كەيپىياتىنىڭ بالىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىشى ۋە بۇ سەۋەپلىك ئائىلە مۇھىتىنى نورمالسىزلاشتۇرۇپ قويىدىغاق ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك .
4. ‹‹بالىنى دەپ قايتا نىكاھلانمىدىم›› دېگەن سۆز مېنىڭچە توغرا ئەمەس . بالىنى دېسە چوقۇم قايتا نىكاھلىنىش كېرەك . پەرزەنت تەربىيىسىدە پەقەت قايتا نىكاھ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇپ، شۇنىڭغا ماس ئۇسۇل قوللىنىشقا دىققەت قىلسىلا ، بۇمۇ بالىلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىدە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ .
5. بالىلاردا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇرغۇزۇش كېرەك . ئادەتتە ، بۇ خىل ئائىلىلەردىكى بالىلاردا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پسىخىكىسى كۈچلۈك بولۇپ ،ئۇلار باشقا بالىلارغا قارىغاندا ئۆزىدە بىرەر نەرسە كەمدەك ھېس قىلىدۇ . شۇڭا ئامال بار ئۇلاردىك بۇ خىل تۇيغۇنى يوقىتىپ ، بالىغا ئىشەنچ ئاتا قىلىش، ھەرگىزمۇ ‹‹را ست ، بۇ بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز ›› دەپ ئۇلارنى ناتوغرا كەيبىيات ئىچىگە باشلاپ كىرمە سلىك كېرەك .
ئومۇمەن ئېيتقاندا ، ‹‹مۇكەممەل بولمىغان ئائىلە ››دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئائىلىدىنمۇ ئىنتايىن ساغلام بالىلار تەربىيىلىنىپ چىقىۋاتىدۇ . ‹‹مە سلىسى بار بالىلار مۇشۇنداق ئائىلىدىن چىقىدۇ›› دەپ قاراش ھەرگىز توغرا ئەمەس . ناۋادا مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان ئاتا ئانىلار بولسا ، ھەرگىز ئۇمىدسىزلەنمەيلى ، پەقەت بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلساقلا ، پەرزەنتلىرىمىزنى يەنىلا ياخشى تەربىيىلەپ كېتەلەيمىز .
‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژورنىلىدىن ئېلىندى
|