باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ئەيدىز ھەققىدە
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار تىنخ پىسخىكىلىق ھالەتنى ساقلىشى كېرەك
2008- 04- 21 18:12 شىنجاڭ گېزىتى

      تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىشنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ياكى ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا بولغان زىيىنى باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا زور بولىدۇ . چۈنكى ، تاماكا چېكىش ياكى ھاراق ئىچىش بەدەننىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە جىگەرنىڭ  مېتابولىزم يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يوقۇملانغانلارنىڭ ئوڭايلا باشقا كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملاردىن يۇقۇملىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ . ھاراق كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ ، سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىشلارنى ، مەسىلەن : بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتەك ئەھۋاللارنى سادىر قىلدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن . ئۇنىڭدىن باشقا تاماكا ۋە ھاراق خىراجەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ . شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بۇ خىراجەتنى ئوزۇقلۇق قىممىتى بار يېمەكلىكلەرگە ىسەرپ قىلسا ، ئۆمرىنى ئۇزارتىشغا پايدىلىق .

      ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرى ھەرقانداق ۋاقىتتا  ئارام ئېلىشقا ۋە روھىي جەھەتتە ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك،  شۇڭا ئۇلار ھەر كۈنى يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىشى ، ئۆزىنىڭ چامى يېتىدىغان خىزمەتلەرنى قىلىشى ، چارچاش ھېس قىلغان ھامان ئارام ئېلىشى لازىم . كۈندىلىك تۇرمۇشتا روھىي كەيپىياتىنى ئازادە تۇتۇش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . چۈنكى ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ، يۇقۇملانغانلاردا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئەندىشە قىلىش ، قايغۇرۇش ، ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىق پسخىك ھالەتلەر كۆرۈلىدۇ . بۇ ، سالامەتلىك ئۈچۈن پايدسىز . شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرى روھىي كەيپىياتىنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشىپ  ، كۆڭۈلنى خۇش قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك ئويلىشى ، ئۆزىنىڭ كېسەل ئەھۋالىنى ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارنى ئىمكانقەدەر ئويلىماسلىقى كېرەك . بوش ۋاقىتلىرىدا كۆپرەك مۇزىكا ئاڭلىشى ، سەيلە قىلىشى ياكى ئۆزىگە لايىق تەنتەربىيە بائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن جەم بولۇشمۇ كەيپىياتنى يېنىكلىتىدۇ . دېمەك ، تىنچ پسىخىكىلىق ھالەتنى ماقلاش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا پايدىلىق .

تەلئەت سابىت تەرجىمىسى
  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ