باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>ئۆي زىننەتلەش
ئۆي بېزىگەندە نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك؟
2008- 04- 18 15:21 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      ھازىر ئۆي بىزەيدىغان شىركەتلەر ناھايىتى كۆپ. ئۇلارنىڭ باھا قۇيىشىمۇ ئادەمنى چۆچىتكىدەك دەرىجىدە پەرىقلىق. مەسىلەن، مەلۇم ئۆي بېزەش شىركىتى كۆلىمى 120 كۇۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر يۈرۈش ئۆينى بېزەش ئۈچۈن 48 مىڭ يۈەن باھا قويسا، يەنە بىر شىركەت 32 مىڭ يۈەن باھا قويۇپ ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قۇيىدۇ. ئوخشاش ئۆينى بېزەش ئۈچۈن نىمىشقا شىركەتلەرنىڭ قويغان باھاسىدا ئۇنچىۋالا پەرق بولىدۇ؟

      ئۆي بېزەش باھاسىنى باشقۇرۇش جەھەتتە، رايونلار ئارىسىدىكى پەرقنىڭ تەسىرىدە دۆلەت بىر تۇتاش باھا قويۇش ئۆلچىمىنى بېكىتىشكە ئامالسىز قالغان. بەزى ئۆي بېزەش شىركەتلىرى پەقەت ئىستېمالچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېتەكچى باھانىلا بېكىتكەن، ئەمما بېزەش تۈرى ۋە قۇرۇلۇش مىقتارىنىڭ ئاز  ـ كۆپلىكىمۇ بىزەش باھاسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل، شۇنداقلا بېزەش شىركىتىنىڭ كۆلىمى، سەۋىيىسى، دەرىجىسى، باشقۇرۇش تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئۆي بېزەش ئۈچۈن كېتىدىغان خىراجەت، لايىھىلەش ھەققى، ئاساسىي ماتېريال، قوشۇمچە ماتېريال پۇلى، ئىش ھەققى، باشقۇرۇش ھەققى ۋە باج قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما ئىستېمالچىلارغا ئەسكەرتىپ قويىدىغان نۇقتا شۇكى، ھەرگىزمۇ باھانى ئاساس قىلىپلا ئۆي بېزەش شىركەتلىرىنى تاللىماسلىق لازىم. چۈنكى ھازىرغا قەدەر ئۆي بېزەش شىركەتلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ بېزەكچىلىكتىكى ئىنچىكە ئىشلارنى چۈشەنمەيدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، باھا قويۇشتا ئانچە ـ مۇنچە ھىلە ئىشلىتىدىغان مىجەزىنى تۈگەتكىنى يوق.

      ئۇنداق بولسا ئۆي بېزەش شىركەتلىرى قويغان باھانى دەڭسەپ كۆرۈش ئۈچۈن، قانداق قىلىش كېرەك؟ 

     ئۆي بېزەش باھاسىدىكى ‹‹ قوشۇلما تۈر››نى دەڭسەپ بېقىش ئۇسۇلى مۇنداق، بەزى ئۆي بېزەش شىركەتلىرى دەسلەپتە باھانى تۆۋەن قويغان بىلەن، ئىستېمالچلار بىلەن ئۆي بېزەش توختامى تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، دائىم نۇرغۇن قوشۇلما تۈرنى ئېلىپ چىقىدۇ. ھەتتا بەزى لايىھىلىگۈچىلەر قەستەن قىسمەن جايلارنى تاشلاپ قويىدۇ ياكى ئۆچۈرىۋېتىدۇ. مەسىلەن، ئەسلىدە لايىھىلىگۈچى بىلەن سۆزلىشىپ بولغان مەزمۇنلار توختامدا ئەسكەرتىلمىگەن بولغاچقا، ئىستېمالچىلارمۇ تازا دېققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق بولغاندا گەرچە توختام ئىمزالىغاندا قويغان باھا تۆۋەن بولغاندىمۇ، ئەمما بېزەش رەسمىي باشلانغاندا نۇرغۇن تۈرلەر قوشۇلۇپ كېتىپ، چىقىم ئۆزلۈكسىز كۆپىيىپ كېتىدۇ. كۆپ ئۇچىرايدىغان‹‹ قوشۇلما تۈر›› لەردىن مۇنۇلار بار: توختام ئىمزالىنىشتىن بۇرۇن ئۆي بېزەش شىركەتلىرى  سۇ، توك يوللىرىنى ئۆزگەرتىش باھاسىنى ئېيتمايدۇ، ئۇچۇق ياكى يېپىق ھالەتتە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەيدۇ، ئەمما ئاخىرىدىكى ھېسابات باسقۇچىدا ھەممىسىنى ئەڭ يۇقىرى باھادا ھېسابلايدۇ؛ يەنە بىر خىل ئۇسۇل شۇكى، سۇ، توك يوللىرىنى ئۆزگەرتىدىغان چاغدا سۇ ۋە توك يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى قەستەن ئۇزارتىپ، ئىستېمالچلارنى پىلاندا يوق چىقىمنى قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ،بىراق بۇ خىل چىقىم دائىم بەكلا كۆپ بولىدۇ.

      بېزەش قۇرۇلۇشىدىكى ‹‹ قىسقارتىش ئۇسۇلى››نى قانداق دەڭ سېلىش كېرەك؟

     ئىستېمالچىلار ئادەتتە ياغاچچى، چاقچۇق چاپلىغۇچى، سىرچى دېگەندەك ‹‹كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان›› ئادەتتىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە بىر قەدەر دېققەت قىلىپ، مۇشۇلارنىلا نازارەت قىلىشقا كىرىشىۋالىدۇ، ئەمما يۇشۇرۇن قۇرۇلۇش بىلەن بىر قىسىم ئىنچىكە مەسىلىلەرگە تازا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئىشلاردىن خەۋىرى يوق. مەسىلەن: يۇقىرى ياكى تۆۋەن سۇ يولىنى ئۆزگەرتىش، سۇ ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشى، توك يولىنى ئۆزگەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ھاۋا تەڭشىگۈچ يولى قۇرۇلۇشى دېگەندەك تۈرلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى قانداق بولىدۇ؟ دېگەندەك مەزمۇنلارغا تازا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. چۈنكى بۇ تەرەپتىكى ئەھۋاللار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە  ئاشكارلانمايدىغان بولغاچقا، ئۇنى چوڭقۇرلاپ ئانالىز قىلىش ئىستېمالچىلارنىڭ خىيالىغا كەلمەيدۇ. شۇڭا بەزى ئۆي بېزەش شىركەتلىرى مۇشۇ نۇقتىلارغا نەيرەڭ ئىشلىتىدۇ. بەزى ئۆي بېزەش شىركەتلىرى ئىچ تامنى ئۈچ قېتىم ئاقارتىش بەلگىلىمىسىنى چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما بىرلا قېتىم ئاقارتىدۇ، قارىغاندا بۇ يەردىن ھېچقانداق چاتاق چىقمىغاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ھۆنەر ـ سەنئەت ئۆلچىمى تۆۋەنلىتىۋېتىلگەچكە، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، نەيرەڭ ئاشكارلىنىدۇ؛ تېخىمۇ يامىنى شۇكى، بۇنداق قىلمىش، ئۆينى كاردىن چىقىرىدىغان ئەھۋالمۇ كۆرىلىدۇ.

       بېزەش باھاسىنى‹‹ تۈرگە ئايرىپ ھېسابلاش››ئۇسۇلىنى قانداق دەڭ سېلىش لازىم؟

      بەزى شىركەتلەر قارىماققا خېلىلا مۇنتىزىم كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇلار مەلۇم بىر بېزەش تۈرىنى  ئۆزى خالىغانچە بىر مۇنچە تۈرگە ئايرىپ، ھەر بىر تۈر بويىچە باھا قۇيىدۇ. ئىستېمالچىلار ئادەتتە مۇنداق شىركەتنى ئىشەنچىلىك دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا يۇشۇرۇنغان ھىلىگە دېققەت قىلمايدۇ. مەسىلەن: ئىشىك، قۇلۇپ، ئىشىك يېنى قېپى، گىرە قاتارلىق مېتالدىن پۈتىدىغان بىر تۈرنى بۇ خىل شىركەتلەر بىرنەچچە تۈرگە بۆلۈپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھېسابلايدۇ. دائىم قىسمەن باسقۇچ خاراكتېرلىك تۈرلەرنىڭ باھاسىنى بازار نەرقىدىن ئازراقلا يۇقىرى كۆتىرىپ، ئىستېمالچىلار ئاسان بايقىۋالالمايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. مانا مۇشۇنداق كۆزگە كىچىك كۆرۈنىدىغان ھېساباتلار ئاخىرىدا  ئومۇمىي باھانى خېلىلا يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ. ئادەمنى ئالدايدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى، بىر قىسىم شىركەتلەر ياغاچچىلىق بىلەن سىرچىلىقنى بىرلا ئادەم تاماملىسىمۇ، لېكىن ئۇنى بىرقانچە تۈرلۈك ھەق ئېلىش مەزمۇنى سۈپىتىدە ھىساپلاپ ئىستېمالچىلارنى يانچۇقىنى كولاشقا مەجبۇرلايدۇ. ئىستېمالچىلارنىڭ كەسپى بىلىملەردىن تازا ساۋادى بولمىغاچقا، ھامان بۇنىڭغا يوشۇرۇنغان سىرنى بىلەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ خىل باھا قۇيۇشنىڭ مۇۋاپىق بولمىغان تەرەپلىرىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ ـ دە، يەنىلا يانچۇقىنى كولىماي ئامال يوق. ئەمەلىيەتتە بىزەكچىلىك شىركەتلىرىنىڭ بۇ خىل ئۇششاق تۈرگە بۆلۈپ باھا ھېسابلاش ئۇسۇلىدا ناھايىتى ئاسانلا قايتىلاپ ھېسابلاش كۆرۈلۈپ، نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنى ئۆزىگە بىلدۈرمەيلا پۇل ئۈندۈرىۋالىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ئەگەر بېزەكچىلىك شىركىتى سىزگە %80 بويىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن نىسبەتتە ئېتىبار بەرمەكچى بولسا، ئۇنداقتا دەرھال ھوشارلىقىڭىزنى ئاشۇرۇڭ. چۈنكى ئەمەلىي قۇرۇلۇش داۋامىدا بېزەكچىلىك شىركىتى ئاستا ـ ئاستا تۈر قوشۇش ئارقىلىق سىزگە ئېتىبار بېرىش ئۈچۈن تارتقان زىيىنىنى تۆلىتىۋالىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا شۇنداقلا ھېساب كىتاپ قىلىدىغان بولسىڭىز، پۇل تېجەش مەقسىتىگە يېتەلمەيلا قالماستىن، بېزەش چىقىمىنى خېلىلا ئاشۇرۋېتىشىڭىز مۇمكىن.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ