باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ئەيدىز ھەققىدە
ئەيدىزنى داۋالاشىتىكى ئۈچ ئاساسىي ئامىل
2008- 04- 15 18:38 شىنجاڭ گېزىتى

     ئەيدىزنى داۋالاشتىكى ئۈچ ئاساسىي ئامىل دورا ،لابوراتورىيىدە تەكشۈرۈش ۋە تەجرىبىلىك كەسپىي خادىملاردىن ئىبارەت .ئەيدىزنى يالغۇز دورا بىلەنلا داۋالاش مەنئىي قىلىنىدۇ ،چۈنكى دورا تېز ۋاقىت ئىچىدىلا كار قىلماس بولۇپ قالىدۇ ،نەتىجىدە داۋاملىق داۋالاش ئىمكانىيىتى قالمايدۇ .ھەر قانداق دورىنىڭ زەھەرلىك ئەكىس تەسىرى بولىدۇ ،شۇڭا تەجرىبىلىك دوختۇرلارنىڭ ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشاشمىغان دورا ئىشلىتىش لايىھىسىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ،ئاغرىقلار دورائىشلىتىشتە دوختۇرلارنىڭ تەكلىپىگە بويسۇنۇشى كېرەك .بۇ،داۋالاشنىڭ مۇۋەپەققىيەتلىك بولۇشىدىكى ئاچقۇچ .ئاغرىقلار ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشنى باشلىغان ھامان ئۇزاق مۇددەت دورا ئىچىشى كېرەك .لېكىن ئەمەلىي داۋالاشتا دورىنىڭ ئەكىس تەسىرى تۈپەيلىدىن داۋاملىق دورا ئىچىش مۇمكىنچىلىكى بولماي قالىدۇ .

     خەلقئارادىكى نۇرغۇن داۋالاش ئەمەلىيىتى شۇنى چۈشەندۈردىكى ،دورىنىڭ مۇۋاپىق ،ئورۇنلۇق بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىشى بىلەن نۇرغۇن ئەيدىز ئاغرىقىنىڭ ئۆمرى ئۇزىراپ ،كېسەل ئەھۋالىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان .قېلىپلاشمىغان داۋالاش ئۇسۇلى مۇقەررەر ھالدا دورا كار قىلمايدىغان بولۇپ قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ .بۇ ،ئەيدىز ئاغرىقلىرى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىسىز .

     ئەيدىز مۇتەخەسسىلىرى مۇنداق دەيدۇ :ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ،دەپ دىئاگۇنۇز قويۇلغانلارنىڭ ھەممىسىلا شۇئان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشقا ماس كەلمەيدۇ .ئۇنداقلار ھە دېگەندىلا قارىغۇلارچە داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىپ ،دورىنى ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلغاندا ،دورىنىڭ ئەكىس تەسىرى كۈچىيىدۇ ۋە ياكى دورىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ يوقىلىشىغا پۇرسەت تۇغىلىدۇ .ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش مەزگىلى ،ئالامەتسىز مەزگىلى ،ئۇزاق داۋاملىشىدىغان لىمفا تۈگۈن خالتىلىق ئىششىقى مەزگىلى ۋە كېسەل ئالامىتى مەزگىلى قاتارلىق تۆت باسقۇچنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ .ۋىروسقا قارشى داۋالاشنى يولغا قويۇشتا ئادەتتە ئالامەتسىز مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىنى تاللاش كېرەك .قايسى ۋاقىتنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالاش مەزگىلى ئىكەنلىكىنى چوقۇم تەجرىبىلىك دوختۇرلار بىكىتىشى ،پۈتكۈل داۋالاش جەريانىدا دوختۇرلار ئاغرىقنى قەررەلىك يوقلاپ ۋە لابوراتورىيىدە تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك .
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ