باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ئەيدىز ھەققىدە
ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك بەش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تەسىس قىلىندى
2008- 04- 02 17:44 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى ،غۇلجا شەھىرى ،غۇلجا ناھىيىسى ،قەشقەر شەھىرى ۋە كۇچا ناھىيىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى .

     ھازىر ئېلىمىزدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ۋەزىيىتى خېلىلا ئېغىر ،بەزى رايونلاردا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ قان ئارقىلىق يۇقۇش نىسبىتى خېلى يۇقىرى ،ئانىلار ئارقىلىق بوۋاقلارغا يۇقۇشمۇ بەزى رايونلاردا كۆرۈلمەكتە ،شۇنداقلا تېز ئاشماقتا ،بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرمۇ پەيدىنپەي كۆپەيمەكتە .ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرى يېزىلاردىكى يېزا ۋە شەھەرلەردىكى مەھەللىلەرنى ئاساس قىلغان داۋالىنىش ياردىمى ۋە ئىجتىمائىي غەمخورلۇق قاتارلىق مۇلازىمەت تورىنى قۇرۇپ ،ئەيدىز ئاغرىقلىرى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارغا داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە غەمخورلۇق قىلىپ ،ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدۇ .

     ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرى ئۆز پائالىيىتى ئارقىلىق داۋالاش ۋە غەمخورلۇق قىلىشنى ئاساس قىلغان ئەيدىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ،پۈتۈن مەملىكەتنىڭ باشقا رايونلىرىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەجرىبە يارىتىدۇ ،ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىدىكى ئەيدىز ئاغرىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا تېببىي داۋالاش ۋە تۇرمۇش قۇتقۇزۇشى بېرىپ ،ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپ ،تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ،ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - ھوقۇق مەنبەسىنى قوغداپ ،ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ .

     ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك بەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ،غەمخورلۇق ۋە تۇرمۇش ياردىمىنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان مەھەللە غەمخورلۇقى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ،ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىنى مەھەللە ،ئائىلىلەردە داۋالاپ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىپ ،ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،ئەيدىزنى داۋالاش ۋە ئاغرىقلارنىڭ ياشىشىغا پايدىلىق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداپ ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە كەمسىتىلىشكە قارشى تۇرىدۇ .

     شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىز ،ئەيدىزنى نازارەت قىلىش – كۆزىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ،ئۈرۈمچى ،غۇلجا قاتارلىق جايلار ئاساسىدا ،يەنە ئەيدىزنى نازارەت قىلىش –كۆزىتىش رايونىدىن توققۇزنى كۆپەيتتى .بۇلار قاغىلىق ناھىيىسى ئاقسۇ ۋىلايىتى ،كۇچا ناھىيىسى ،سانجى ئوبلاستى ،تۇرپان ۋىلايىتى ،خوتەن شەھىرى ،بورتالا ئوبلاستى ۋە شىخۇ شەھىرى بولۇپ ،بۇ ئارقىلىق كېسەل ئۇچۇرلىرىنى توغرا توپلاپ ،ۋاقتىدا ئانالىز قىلىپ ۋە ئەيدىزنىڭ ئەۋج ئېلىش يۈزلىنىشىنى مۆلچەرلەپ ،ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا ئاسانلىق ياراتتى .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ