|
روسىيە ئالىملىرى يېقىندا ،ئائىلىلەردە ئەڭ خەتەرلىك ئورۇن –ئاشخانا ،دېگەن يەكۈنگە ئېرىشكەن . بۇنىڭدا مۇنداق سەۋەب بار ئىكەن :
1.ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گاز تەركىبىدىكى رادون گازىنىڭ ئادەم تېنىگە رادىئاتسىيىلىك زىيىنى بولۇپ ،ئاشخانىلاردىكى رادون گازى مىقدارى باشقا ئۆيلەردىكىنىڭ 10–15ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن .
2. تاماق ئەتكەندە ئەگەر شامال چىقىرىش ئۈسكۈنلىرى بولمىسا ، ئاشخانىدىكى كاربون(Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى %3.8 گە يېتىپ ،ئادەمدە يۈرەك سېلىش ۋە نەپەس تېزلىشىش ،قارا تەرگە چۆمۈلۈش ،شۇنىڭدەك ئەس –ھوشىنى يوقىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
3.ئاشخانىلار ئادەتتە نەمرەك بولىدىكەن . نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ،ئادەتتە نەملىك ئېشىپ كېتىشتىن پەيدا بولىدىكەن .شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار ئاشخانىلىرىغا مۇۋاپىق ھالدىكى شامال چىقىرىش ئۈسكۈنىسى ۋە ھاۋا سۈزۈش قۇرۇلمىلىرىنى ئورنىتىش تەكلىپىنى بەرگەن .
|