|
ئۆي بىزەش توختامى تۈزگەندە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك :
بىرىنچى، ئۆلچەملىك بېزەكچلىك شىركەتلىرىنى ئىزدەش، توختام تۈزۈشتىن ئاۋۋال بۇ شىركەتنىڭ رەسمىيەتلىرىنىڭ تولۇق ياكى تولۇق ئەمەسلىكىنى بىلىش، ئىسم - شەرىپى ئېنىق بولمىغان شىركەتلەر بىلەن ئەڭ ياخشىسى توختاملاشماسلىق.
ئىككىنچى، بىزەكچىلىك شىركەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، ئىشچىلىرىنىڭ ساپاسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقۇرۇش، تازلىق ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىقلارنىڭ مۇكەممەل ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىپ بېقىش.
ئۈچىنچى، بىزەكچىلىك شىركەتلىرى چوقۇم لايىھەنىڭ مۇكەممەل چېرتىيوژىنى ئۆي ئىگىسىگە كۆرسىتىش، ئۆي ئىگىسى ئالدىن ھېسابلىغان خامچوتنى ئەستايىدىل كۆرۈش، مۇمكىن بولسا مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەردىن مەسلىھەت سوراش لازىم. ئەگەر بىزەكچىلىك شىركەتلىرىگە ماتېرىيال تاللاشنى ھاۋالە قىلسا، بىزەكچىلىك شىركەتلىرى تاللىغان ماتېرىيالنىڭ نوسخىسى بىلەن تەمىنلىشى، ئۆي ئىگىلىرى بۇ نوسخلارنى ساقلاپ قويۇپ، ئۆي پۈتكەندىن كېيىن سېلىشتۇرۇپ بىكىتىشتە پايدىلىنىشى.
تۆتىنچى، توختام تۈزگەندە بېزەش مۇددىتى، قانچە قېتىم تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋالىدىغانلىقى، ئىككى تەرەپ تەمىنلىگەن ماتېرىياللارنىڭ ئېنىق چۈشەندۈرۈلىشى، ۋاقتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توختامغا خىلاپلىق قىلىنسا تۆلىنىدىغان تۆلەم نىسبىتىنى بېكىتىش. بىزەش ماتېرىياللىرىنى بىكىتكەن ۋاقىتتا چوقۇم ئەستايىدىل بولۇش، سىرتقى تام، ئىچكى تام، تورۇس، يەر، ئاشخانا، ھاجەتخانا، بالكون قاتارلىق ھەر بىر ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان ماتېرىيالنىڭ ماركىسى، نومۇرى قاتارلىقلارنى چوقۇم ئېنىق يېزىش، ھەرگىزمۇ‹‹دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق ماركىسى›› ، ‹‹ چەتئەلنىڭ داڭلىق ماركىسى›› دېگەندەك ئابىستىراكىت سۆزلەر بىلەنلا يېزىپ قويماسلىق.
بەشىنچى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا توختامغا ھۆكۈمەتنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى يېزىش، شۇنداق قىلغاندا سۈپەت تەكشۈرۈش خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن يەنە ئارتۇق پۇل خەجلەشتىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ.
ئالتىنچى، توختامنى قانۇنىي ۋەكالەتچى تۈزۈشى، ئەگەر ھاۋالە قىلىنغان ۋەكالەتچى بولسا چوقۇم ۋەكالەتنامە كۆپەيتمە نوسخىسىنى قالدۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىزەكچىلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت كېنىشكىسى ۋە سالاھىيەت دەرىجىسىنىڭ شىركەت تامغىسى بېسىلغان كۆپەيتمە نوسخىسىنى ساقلاپ قۇيۇش.
يەتتىنچى، تۆلەنگەن بىزەش سوممىسىنى شىركەت مالىيىسىگە تاپشۇرۇپ، تالۇن كەستۈرۈۋېلىش.
سەككىزىنچى، بىزەش ئاياقلاشقاندىن كېيىن بىزەش تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ھەقسىز رېمونت قىلىش مۇددىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن شىركەت بىلەن سۆھبەتلىشىپ مەلۇم نىسبەتتىكى بىزەش سوممىسىنى سۈپەت كاپالەت پۇلى قىلىپ بىكىتىشكە بولىدۇ.
توققۇزىنچى، بىزەش توختامى تۈزۈشنىڭ ماتېرىيال ۋە ئىش ھەققىنى بىراقلا ھېسابلىشىپ ھۆددىگە بېرىش، ماتېرىيالنى ئۆزى ئېلىپ بېرىپ، ئىش ھەققىنى بېرىش قاتارلىق تۈرلىرى بار. بىزەش جەريانىدا يەنە ماتېرىيالنى بىزەكچىلىك شىركىتى ئالىدىغانغا دېيىشكەن بولسا، ماتېرىياللارنىڭ تەپسىلىي تىزىملىكى، لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى، تالۇن قاتارلىقلارنى ئېلىش؛ ئۆي ئىگىسى ماتېرىيالنى ئۆزى ئالىدىغان بولسا تاللىغان ماتېرىيالى چوقۇم دۆلەت ئۆلچىمىگە يەتكەن يەتمىگەنلىكى، سۈپەت ئۆلچىمى لاياقەتنامىسى، مەھسۇلاتنىڭ ئۆلچىمى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتى قاتارلىقلارنى بىلىشى لازىم.
ئونىنچى، بىزەش ئاخىرلاشقاندا بىزەلگەن ئۆينىڭ ھاۋا سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمىگە يىتىشى، ئۆلچەمگە يەتمىسە، بۇ بىزەكچىلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلىيتى سەۋەبىدىن بولسا قايتىدىن قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش، شۇنداقلا ئالاقىدار زىياننى بىزەكچىلىك شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى توختامغا كىرگۈزۈش.
ئون بىرىنچى، خامچوتتا ئۆزگىرىش بولغاندا ئىككى تەرەپ قايتىدىن كېلىشىم تۈزۈشى لازىم. دىمەك، ئۆي بىزىمەكچى بولغانلار ئۆي بىزەش ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك ئويلىنىش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئۇسلۇبنى تاللاپ بىزىشى، بولۇپمۇ قانۇنلۇق توختام تۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش لازىم.
|