باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ئەيدىز ھەققىدە
زەھەر چەككۈچىلەرنى مېتادون بىلەش داۋالاش
2008- 03- 10 18:35 شىنجاڭ گېزىتى

     مېتادون ئەپيۇن خاراكتېرىدىكى دورا بولۇپ، ئۇنىڭ سۇيۇقلىقى ئاچ يېشىل رەڭدە، تەمى ئاچچىقراق كېلىدۇ. زەھەر چەككۈچىلەر مېتادوننى ئىچسە، خىروئىن چەكمەيدىغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار زەھەر تاشلىغاندىن كېيىنكى دەرتنى تارتمايدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ،مېتادون زەھەر خۇمىرىنى باسىدۇ.

     مېتادون 2–دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۇنجى قېتىم يوقۇرى ئۈنۈملۈك ئاغرىق توختىتىش دورىسى قاتارىدا كىلىنكىدا ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭ كىلىنكىدىكى ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمى مورفىندىن يوقۇرى، خۇمار قىلىش دەرىجىسى مورفىندىن تۆۋەن.

     زەھەر چەككۈچىلەرنى مېتادون بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى ئەڭ دەسلەپ 1964–يىلى قوللىنىلغان، ئامېرىكا ئۇنى ئەپيۇنكەشلەرنى داۋالاشقا ئىشلەتكەن. ھازىر ئۇ پۈتۈن دۇنيا ئورتاق ئېتراپ قىلىدىغان زەھەر تاشلىتىش دورىسىغا ئايلاندى.

     مېتادون ئاقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئۇنى زەھەر ئورنىغا دەسسىتىدىغان ۋە ئۇ ئارقىلىق زەھەر خۇمارىنى بارا–بارا يېنىكلىتىدىغان ئۇنىۋېرسال زەھەر تاشلىتىپ داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. زەھەر خۇمارلىرى مۇشۇ ئۇسۇلدا داۋالىتىلىپ، زەھەر تاشلاتقۇزۇلغاندىن كېيىن ، ئۇلارغا يەنە قەرەللىك ھالدا مېتادون بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ زەھەر خۇمارىنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىنىدۇ. زەھەر خۇمارلىرى مېتادوننى ئىچكەندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ خروئىن ، ئەپيۇن خۇمارىنى 23–36 سائەت تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. مېتادون ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلسا ، زەھەر چەككۈچىلەرنى زەھەر سېتىۋالىدىغان پۇل غېمىدىن خالاس قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، مېتادوننى ئىچىدىغان بولغاچقا ، زەھەر چەككەنلەرنىڭ شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ، ئەيدىز،  B تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلارنى يۇقتۇرۇۋېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. مانا بۇ ،دۆلەتنىڭ زەھەر چەككۈچىلەرنى مېتادون بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى .

     2004–يىلى سەھىيە مىنىستىرلىكى يۈننەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئۆلكە،(ئاپتونوم رايون)لاردىكى سەككىز نۇقتىدا زەھەر چەككەنلەرنى مېتادون بىلەن داۋالاش سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، خېلى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.  2005–يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە سىناق نۇقتىسى 100 گە يەتكۈزۈلدى. سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ 2–تۈركۈمدىكى سىناق نۇقتىسى قىلىنىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

 ئىسمائىل تەرجىمىسى

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ