باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>ساغلاملىق>>ئەيدىز ھەققىدە
ئەيدىز ئاغرىقلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەرگە موھتاج (1)
2008- 02- 29 17:38 شىنجاڭ گېزىتى

    ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ ھەر كۈنى كۆكتات ياكى مېۋە – چېۋە يېيىشىگە ، گۈرۈچ (گۈرۈچ تالقىنى) ، ئۇماچ ، بەرەڭگى ، كوممىقوناق ، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ، ھەر خىل پۇرچاق ، تۇخۇم ، بېلىق ياكى گۆشلەرنى ئستېمال قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .

   تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا تائام تەييارلىغاندا ، ئەيدىز ئاغرىقلىرى ئاسان يېيەلەيدۇ :

   يېمەكلىكلەرنى چاناپ يۇمشىتىپ ، ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا ئاز – ئازدىن كۆپ قېتىم بېرىش كېرەك . مۇبادا ئۇلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى كېسىلى بولسا ، ئۇ جايغا يود سۇيۇقلۇقى (مېتىل ۋىئولىت) سۈرۈش كېرەك . لېكىن ئۇنى ھەرگىز ئىچىۋالماسلىق كېرەك . ئۇنى پاكىز ، يۇمشاق رەخت ياكى پاختا بىلەن سۈركەش لازىم . ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ تىلى ، ئېغىز بوشلۇقى ، گېلىدىمۇ ئىشىش ، ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ، بۇنى يۇمشاق چىش چوتكىسى بىلەن چوتكىلاپ ئاغرىقنى توختاتسىمۇ بولىدۇ . ۋىتامىن ساغلاملىقتا كەم بولسا بولمايدىغان ئورۇقلۇق ماددا . ۋىتامىن E  قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ . ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقىملانغانلارنىڭ تېنىدە ئاغرىق سەۋەبىدىن ۋىتامىن E ئازىيىپ كېتىشى مۇمكىن . ئەگەر ئەيدىز ئاغرىقلىرى تەركىبىدە ۋىتامىن E بار يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئستېمال قىلسا ، ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلىق رولىنى ئويناپ ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىشىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ .

   ئومۇمەن ، قورامىغا يەتكەنلەر كۈنىگە 14 مىللىگرام ۋىتامىن E ئستېمال قىلىشى لازىم . بۇ ، يېرىم سەر يەر ياڭىقى يېغى ، بىر ئارا چىنە پۇرچاق ئويۇتمىسى ، ئىككى سەر قۇرۇتۇلغان يەر ياڭىقى مېغىزى ئىستېمال قىلغانغا تەڭ كېلىدۇ .ۋىتامىن E كۆپرەك يېمەكلىكلەر يەر ياڭىقى يېغى ، قىچا يېغى قاتارلىق ئۆسۈملۈك ياغلىرى ، ئورمان ياڭىقى ،  يەر ياڭىقى قاتارلىق شۆپۈكلۈك يىمەكلىكلەر ، پۇرچاق ، تۇخۇم ، تېرىق ، يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلاردىن پالەك ، چىچەكسەي قاتارلىقلار بار .

   ئىسمائىل ئەمەت تەرجىمىسى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ