باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى>>ئەخلاق ۋە تەربىيە
بالىلار تەربىيىسىدە چوڭلارنىڭ تەربىيىسى
2008- 01- 30 18:01 شىنجاڭ گېزىتى

 مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن

    ھاياتلىقتا ھەربىر ئوغۇل – قىز ئاتا – ئانا بولالايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەسئۇلىيەتچان ، ئۆزئارا سادىق ، ئائىلىدىكى مۇقەددەس بۇرچىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان بولۇشى ناتايىن . ھەممىلا پەرزەنتنىڭ باتۇر، قەيسەر ، ئىپپەتلىك ، كۆيۈمچان بولۇپ يېتىلىشى ناتايىن . پەرزەنتلەرنىڭ روھى ساغلام ، باتۇر، قەيسەر، جۇشقۇن ، ئەل–ۋەتەننىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە كۆكرەك كېرىپ چىقالايدىغان ، ھايالىق ، ئەخلاقلىق ، مېھرىبان ، مەسئۇلىيىتىنى ۋىجدانەن ئادا قىلالايدىغان بولۇپ يېتىلىشىدە ئاتا–ئانىلارنىڭ تەسىرى ناھايىتى مۇھىم . ئەخلاقسىز ، چاكىنا ، مەسئۇلىيەتسىز ئانىلار ئەخلاقلىق ، نومۇسچان، ھايالىق قىزلارنى ھەرگىز تەربىيلەپ چىقالمايدۇ ؛ قورقۇنچاق ، ھورۇن ، مەسئۇلىيەتسىز، جىدەلخور ئاتىلار ئاق كۆڭۈل  ،سەمىمىي ، ئىرادىلىك ، باتۇر ، ئىشچان ، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئوغۇللارنى ھەرگىز تەربىيلەپ چىقالمايدۇ.

   ماھىيەتتىن ئالغاندا ، ئاتا–ئانىلارنىڭ ساپاسى بالىلارنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئاتا–ئانىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ، تەربىيلىنىش قاتلىمى ، ئىجتىمائى ئورنى ، ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئوخشاش بولمايدۇ . ئەمما بالا تەربىيىسىدە ئەخلاقنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ، جەمئىيەتنىڭ بالىلارغا قويىدىغان تەلىپى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ . ھازىر بەزى ئاتا–ئانىلار ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمىگەننى ئاز دەپ ، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ھەقىقىي مەسئۇلىيەتنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ.

   ھازىر بىرقىسىم بالىلار ھەقىقەتەن ئەخلاقسىزلىشىپ كەتتى . نۇرغۇن ئاتا–ئانا بۇنداق بالىلارنى باشقۇرۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ . ئۇلار بۇرۇن بالىلارنى مەيلىگە قويۇۋەتكەچكە ، بالىلار ھاياسىزلىشىپ ، تاپتىن چىققاندا، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالمايۋاتىدۇ . نوتا چېغىدىن ياخشى پەرۋىش قىلىنمىغان كۆچەتنىڭ تۈز ئۆسۈشى مۇمكىنمۇ!؟

   پەرزەنتنى ھېچكىم ئۆز ئاتا–ئانىسىدەك مەسئۇليەت تۇيغۇسىدا تەربىيىلىيەلمەيدۇ . ئائىلە بالىلارنىڭ تۇنجى مەكتىپى ، ئاتا–ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى . بۇ بالىلار تەربىيىسىدىكى ئەقەللىي ساۋات . چۈنكى بالىلارنىڭ ئائىلىدە بولىدىغان ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولىدۇ . ئاتا –ئانىلارنىڭ مىجەز–خاراكتېرىمۇ بالىلارغا سەبىيلىكىدىن باشلاپ سىڭىدۇ . شۇڭا بالا تەربىيىسىدە ئاتا–ئانا ئالدى بىلەن ئۆزىنى ياخشى تەربىيلەپ ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇپ ، ئائىلىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، ئەخلاقىي پەزىلىتى ، خىسلىتى ، پاك روھى ، دىيانىتى ، گۈزەل قەلبى ئارقىلىق بالىلارغا ئۈلگە بولالىسىلا ،بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ