باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>ئۆي زىننەتلەش
ئۆيگە چىراق ئورناتقاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
2008- 01- 25 11:59 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى

     كۆپلىگەن كىشىلەر يورۇتۇش ئەسۋابلىرى ۋە چىراق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇشنى چىقىش قىلماي، رەڭدار چىراغلارنى ئورنىتىپ رومانتىكىلىق ۋە ھەشەمەتچىلىكنى قوغلىشىدۇ. بىلىش كېرەككى، رەڭلىك چىراغ نۇرى كۆرۈش قۇۋىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، چوڭ مېڭە مەركىزىي ئالىي نېرۋىسىنىڭ ئىقتىدارىنىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

    تىببى مۇتەخەسسىسلەرىنىڭ قارىشىچە، يېقىننى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كۆز ئىشلىتىش ئادىتىدە ئىپادىلەنمەستىن، بەلكى كۆرۈش مۇھىتىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدىكەن. مۇھىت ئاسرايدىغان، ساغلام، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ۋە ئازادە‹‹زىيانسىز يورۇقلۇق مۇھىتى›› يارىتىش ئۈچۈن، كۆركەم، بىخەتەر، تېجەشلىك بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشتىن باشقا، مۇنداق بىرقانچە نۇقتىنى ئويلۇشۇش كېرەك.

   · ئوخشىمىغان بوشلۇق، سورۇن ۋە  ئوبېيكتقا نىسبەتەن ئوخشىمىغان يورۇتۇش شەكلى ۋە چىراق تاللاش ھەمدە يورۇتۇش دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇش لازىم. مەسىلەن، ياتاق ئۆيگە ئىللىق، رومانتىكىلىق تۇيغۇ بېرىدىغان؛ كىتابخانا ۋە  ئاشخانىغا يورۇتۇشى كۈچلۈكرەك بولغان؛ تازىلىق ئۆيىگە يورۇتۇشى سۇسراق بولغان چىراغلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم.

   · چىراغ نۇرى ۋە يورۇتۇش ئەسۋابلىرىنى تاللاش، لايىھىلەشتە مۇنداق نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش: بىرىنچىدىن، زىننەت چىراغلار بىلەن ئۆي جاھازىلىرىنى ماسلاشتۇرۇش؛ ئىككىنچىدىن، ئۆي ئىچىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى، ئېگىزلىكى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن چىراقنىڭ چوڭلۇقى، تۈرى ۋە سانىنى تاللاش؛ ئۈچىنچىدىن، رەڭنىڭ ماسلىشىشىغا يەنى سوغۇق رەڭلەر بىلەن ئىللىق رەڭلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم.

   · كۆزنى چېقىشتىن ساقلىنىش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش. يورۇقلۇق مەنبەسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يورۇقلۇقنىڭ چۈشۈش يۆنىلىشىنى ۋە كۈچلۈك- ئاجىزلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، يورۇقلۇقنىڭ بىۋاستە كۆزگە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش، يورۇتۇش ئەسۋابىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، چىراغ نۇرىنىڭ بىردەم كۈچىيىپ، بىردەم خىرەلىشىدىن ياكى بەك چاقناپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم.

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ