|
تۇرمۇش سەۋىيىمىزنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تاۋار ئۆي سېتىۋالىدىغانلار بارغانسىرى كۆپەيدى، بىراق كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆينىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشقا سەل قارىغانلىقتىن بەزى ئۇرۇنسىز ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە، گەرچە نۆۋەتتە دۆلەتنىڭ تاۋار ئۆيلەرنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشقا دائىر مۇكەممەل قانۇن - تۈزۈملىرى، قاتتىق تەكشۈرۈش ئۆتكەللىرى بولغانلىقتىن، ئۆينىڭ سۈپىتىدىن ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى بولمسىمۇ، ئەمما پايدىنى دەپ ئۆتكەلدىن كۆز بۇياپ ئۆتىۋېلىشنىڭ كويىدا يۈرىيدىغانلارنى يوق دەپ كىممۇ ھۆددە قىلالايدۇ؟ بىزدە ‹‹ يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس›› دىگەن گەپ بار. بۇ دىگەنلىك ھەرقانداق ئىشتا ئەستايىدىل بولسىڭىز كىيىنكى پۇشايمانغا قالمايسىز دىگەنلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي سېتىۋېلىش دائىم قىلىپ تۇرىدىغان ئىشمۇ ئەمەس، ئادەتتىكى ئادەم ھاياتىدا قانچە قېتىم ئۆي سېتىۋالىدۇ دەيسىز. شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ مەنپئەتىنى قوغدش ئۈچۈن ئۆي سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىكى قەدەم باسقۇچلاردىن خەۋەردار بولۇپ قالغاننىڭ زىيىنى يوق. ئۇنداق بولسا ئادەتتە ئۆي سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىكى قەدەم باسقۇچلار قايسى؟
1 - قەدەم: توختامدىكى بەلگىلمىگە ئۇيغۇن - ئۇيغۇن ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش لازىم. مۇتەخەسىسىلەر ئۆي ئىگىلىرىگە: ئۆي سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا ئالدى بىلەن ھەر بىر ھالقىنىڭ توختامدىكى مەزمۇنغا ئۇيغۇن - ئۇيغۇن ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىپ، ئاندىن تەپسىلى تەكشۈرۈش كېرەك دېگەن تەكلىپنى بېرىدۇ.
2- قەدەم: ھاۋا ئۆتۈشۈش، يۇرۇقلۇق ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش لازىم. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۆينى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغاندا يۇرۇقلۇقى، سۈپىتى ھەمدە ناچار تەرەپلىرىنى تەكشۈرۈش لازىم. ئاساسلىقى ئىشىك راملىرى بىلەن تام ئارىلىقىنىڭ ئۆلچەملىك، ھىم بولۇشى، دېرىزىلەرنىڭ ھىم بولۇشى، سۇ چىقىش ئېغىزى توسۇلۇپ قالماسلىقى، دېرىزە راملىرى، دېرىزە كۆزنەكلىرى بۇزۇلمىغان، قېيىپ كەتمىگەن بولۇشى، ئېچىپ - يېپىش راۋان بولۇشى، مېتال زاپچاسلىرى تولۇق، بۇزۇلمىغان بولۇشى لازىم.
3- قەدەم: ئۆينىڭ سىمونت، ياغاچ قۇرۇلمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش لازىم. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن تام يۈزىنىڭ سىلىق - سىلىق ئەمەسلىكىگە، دەز كەتكەن-كەتمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش.
4- قەدەم: تۇرۇببا يوللىرىدىن سۇ تامچىيىدىغان - تامچىلىمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش. تورۇس ھەمدە سۇ تۇرۇبىسى ئۇلانغان جايدا سۇ ئېقىش ئەھۋالى بار - يوقلۇقىنى، تۇرخۇن، شامال ئۆتۈشۈش يولى، يەر يۈزىنىڭ تەكشى - تەكشى ئەمەسلىكى، يېرىلغان يەر بار - يوقلىقىنى تەكشۈرۈش، تازىلىق ئۆيىنىڭ تۇرۇبا يولىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋاپىق - مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى، تام تورۇستىن سۇ ئاقىدىغان-ئاقمايدىغانلىقىنى، مۇناسىپ ئۈسكۈنىلەرنىڭ بار -يوقلۇقىنى، سۇ سىڭمەس سۇۋالغۇسىنىڭ مۇھىتنى ئاسىراش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن - ئۇيغۇن ئەمەسلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش لازىم.
5- قەدەم: توك يولى ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈش. ئۆينى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋالغاندا، ئۆيدىكى توك يولى ئەسلىھەلىرىگە سەل قارىماسلىق كېرەك. بۇنىڭدا توك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ قۇراشتۇرۇلۇش ئورنى، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى، يېقىلىغۇ گاز، تېلېۋىزور ئورنى، يورۇتۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ئېنىق ئىگىلەش كېرەك. ئۇنىدىن باشقا، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغاندا توك يولىنىڭ بىخەتەر - بىخەتەر ئەمەسلىكىگە، ئايرىم روزېتكىلىرىنىڭ سىملار بىلەن توغرا ئۇلانغان - ئۇلانمىغانلىقىغا قاراش، يەر سىمىنىڭ بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش لازىم.
|