|
ئامېرىكىلىقلار: ئامېرىكىدىكى تۇرالغۇلارنىڭ تولىسى ھويلىسى بار بىر قەۋەتلىك ياكى كۆپ قەۋەتلىك بولۇپ، ئۆي ساتىدىغان شىركەتلەر ئۆينى سېتىشتىن بۇرۇن زىننەتلەپ بېرىدۇ. بەزىلىرى ھەتتا ئاشخانا سايمانلىرىنىمۇ سەپلەپ بېرىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئۆي زىننەتلىگەندە ئىش تەرتىپىنى ئېنىق ئايرىيدۇ. شىركەتلەرنىڭ كەسپ ھالقىپ ئىش يۈرگۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ، ئۆينىڭ زىننەتلىنىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
فرانسىيىدە: فرانسىيىلىكلەر ئۆيىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، كەسپىي قۇرۇلۇش لايىھىلىگۈچىلەرنى تەكلىپ قىلىدۇ. لايىھىلىگۈچى ئۆي ئىگىسىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن، لايىھە پىلانى ۋە قۇرۇلۇش باھاسىنى ھېسابلاب چىقىرىپ بېرىدۇ. لايىھە ئادەتتە ئىجابىيلىققا ئىگە بولۇپ، ئۆي ئىگىسىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئارزۇسى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ. فرانسىيىلىكلەر ئۆي زىننەتلىگەندە ئۆزىگە خاس كەيپىيات شەكىللەندۈرىدىغان رەڭدە زىننەتلەيدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندا ئائىلە ئەزالىرى تاماق يېگەندە كەيپىياتى خۇشال، ئىشتىھاسى ياخشى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. فرانسىيىلىكلەر مېھمانخانىغا تېلېۋىزور قاتارلىق ئېلېكتىر سايمانلىرىنى قويمايدۇ. پەقەت كىچىك تىپتىكى ئاۋاز ياڭراتقۇ ئورنىتىپ يىنىك مۇزىكىلارنى قويۇپ قويىدۇ.
ئەنگىلىيىدە: ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەكشۈرىشىگە قارىغاندا، ئۈچتىن بىر قىسىم ئەنگىلىيىلىك ئۆي زىننەتلىگەندە، زىننەتلەش شىركەتلىرىنى تەكلىپ قىلماي، ئۆزلىرى قول سېلىپ ئىشلەيدىكەن، %87ئەنگىلىيىلىك ئايال تام قەغىزى چاپلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.
ئەنگىلىيىدە يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان ئۆيلەر ئاددىي زىننەتلىنىدىكەن. ئۆينى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆي ئىگىسى ئارزۇسى بويىچە ئاستا-ئاستا زىننەتلىۋالىدىكەن. بىرىنچى قېتىملىق ئاددىي زىننەتلەشتىن كېيىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىۋېلىپ، ئىككىنچى قېتىملىقىنى يازلىق تەتىلدە تولۇقلىۋالىدىكەن. بۇ يىل بىر ئۆينى زىننەتلىسە، كېلەر يىلى يەنە بىر ئۆينى زىننەتلەيدىكەن، كۆزىگە سىغمىغان ئورۇنلارنى ئۇدۇللۇق ئۆزگەرتىپ، ئىككى يىل ئىچىدە ئۆي زىننەتلەشنى تاماملاپ بولىدىكەن.
|