|
(تەڭرىتاغ تورى)
ئېرىڭىز بەلكىم سىز قىلغان باشقا ھەر قانداق ئىشقا ‹‹بىر كۆزىنى ئېچىپ،بىر كۆزىنى قىسىۋېلىش››ھالىتىنى ساقلىشى مۇمكىن، لېكىن پەقەت ھېسسىيات جەھەتتىلا، تېخىمۇ كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا، ئەرنىڭ ئايالنى كۆزىتىپ،ئىز قوغلاش مەسىلىسدە ئۇنىڭ كۆزى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ‹‹ئوچۇق›› بولىدۇ.
ھەر قانداق ۋاقىتتا قانداقلىكى يەرگە بارماڭ، ھەرگىز ئېرىڭىزگە ئېيتىپ قويمايدىغان،ئېيتىپ قويسىڭىزمۇ ماڭىدىغان شۇ چاغدا ياكى بارىدىغان جايغا بېرىپ بولۇپ، ئاندىن تېلېفۇن قىلىپ ئۇقتۇرىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
ئەگەر خىزمەت ئېھتىياجى ۋە ياكى بەك زۆرۆر ئىش بولمىسىلا ئائىلىۋى كەيپىياتنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ‹‹تېز بېرىپ،تېز قايتىڭ››.ئەرلەرنىڭ ‹‹ھېچقىسى يوق›› دېگەن گېپىگە مەڭگۈ ئىشەنمەڭ،كۆپىنچە ھاللاردا ھېچقىسى يوقتەك كۆرۈنگەن ئىشلار ھامان ئادەمنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا ئورناپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۆيىڭىزدىن يىراقلىشىپ كەتمەڭ، سىرتلاردا تۇرۇپ قالماڭ. خىزمەتداشلىرىڭىز،دوستلىرىڭىزنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالماڭ. كېچىدە كېلىشتىن،ياكى ئۆيگە قايتماي قېلىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىڭ.چۈنكى سىز ئەرنى ئالمىدىڭىز،بەلكى ئەرگە تەگدىڭىز.سىز ئېرىڭىزنىڭ ھوقوقىغا، ئەرلىك غورورىغا ھۆرمەت قىلىشىڭىز، ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىقىڭىز كېرەك. بۇمۇ نىكاھنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم بىر ئىش.
‹‹خوتۇنلارغا 101تەكلىپ››كىتابىدىن ئېلىندى
|