باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>تۇرمۇش>>مودا ۋە ئېقىم>>ئۆي زىننەتلەش
ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى سېتىۋالغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
2007- 11- 08 11:48 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

 ھەرقانداق ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس سۈپەتلىك مەھسۇلات گۇۋاھلىق بەلگىسى بولىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ بەلگىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشى بىر قەدەر قىيىن. ئىستېمالچىلار ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى سېتىۋالغاندا، ماركىسى، ئىقتىدارى، ئۆلچىمى قاتارلىقلارغا قارىغاندىن سىرت، تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە تۈرلۈك سۈپەتلىك مەھسۇلات گۇۋاھلىق بەلگىسىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك:

VDE: گېرمانىيە ئۆلچەم جەمئىيىتى  تۇنۇغان سۈپەتلىك مەھسۇلات بەلگىسى بولۇپ، ئېلېكتىر ئەسۋابلىرى ۋە غەيرى ئېلېكتر ئەسۋابلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.

DIN: گىرمانىيە ئۆلچەم كومىتېتىنىڭ ئېلېكتر سايمانلىرى ۋە غەيرى ئېلېكتر سايمانلىرىغا بېرىدىغان بىخەتەر، سۈپەتلىك مەھسۇلات بەلگىسى.

UL: ئامېرىكا سودا سۇغۇرتىسى تەجرىبە ئورنىنىڭ گۇۋاھلىق بەلگىسى.

AS: ئاۋىستىرالىيە ئۆلچەم جەمئىيىتىنىڭ ئېلېكتر سايمانلىرى ۋە غەيرى ئېلېكتر سايمانلىرى ئارىسىدىكى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارغا قويۇلىدىغان بەلگىسى. بۇنىڭغا ئەنگىلىيە ئىتتىپاقى سودا نىزامى بويىچە كاپالەتلىك قىلىدۇ. خەلقئارادا قوللىنىلىدۇ.

CECC: ياۋروپا ئېلېكتر سايمانلىرى سانائىتى سۈپەتلىك مەھسۇلات بەلگىسى.

CEN: ياۋروپا ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتېتىنىڭ سۈپەتلىك مەھسۇلات بەلگىسى.

NF: فرانسىيىنىڭ ئۆلچەملىك مەھسۇلات بەلگىسى. فرانسىيىدە قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ. بۇ بەلگە مەھسۇلاتنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى ۋە ئۈنۈمىنىڭ لاياقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

BEB: ئەنگىلىيە سودا سۇغۇرتىسى تەجىرىبىخانىسىنىڭ لاياقەتلىك مەھسۇلات بەلگىسى. بۇ بەلگە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، نوپۇزغا ئىگە.

CCCP: روسىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەتلىك مەھسۇلات بەلگىسى بولۇپ، دۆلەت تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغان، دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە يەتكەن مەھسۇلاتلارغا قويۇلىدۇ. ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئۈچ يىل.

JIB: ياپونىيە ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ئېلېكتر سايمانلىرى ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا بېرىدىغان بەلگىسى.

CSA: كانادا ئۆلچەم كومىتېتىنىڭ لاياقەتلىك مەھسۇلاتلارغا بېرىدىغان سۈپەتلىك مەھسۇلات گۇۋاھلىق بەلگىسى.

E: خەلقئارا لاياقەتلىك ئېلېكتر ئەسۋابلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىش كومىتېتى  بېرىدىغان سۈپەتلىك مەھسۇلات گۇۋاھلىق بەلگىسى.

CCIB: جۇڭگو ئىمپورت- ئىكىسپورت مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى بولۇپ، بۇنداق بەلگە بېسىلغان بولسا شۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىمپورت قىلىنغان، ئۆلچەمگە لايىق مال ئىكەنلىكىنى، سۈپەت جەھەتتە ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئومۇمەن ئىمپورت قىلىنغان ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىغا مۇشۇ بەلگە بېسىلغاندىلا ئاندىن جۇڭگو بازارلىرىدا سېتىشقا بولىدۇ.

سەددىچىن: جۇڭگو ئېلېكتر سانائىتى مەھسۇلاتلىرى سۈپەت گۇۋاھلىق كومىتېتىنىڭ سۈپەتلىك مەھسۇلات گۇۋاھلىق بەلگىسى بولۇپ، ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرىدىن تېلېۋىزور، رادىئولۇق ئۈنئالغۇ، توڭلاتقۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئېلېكتر شامالدۇرغۇچ، توك كۈچىدە ھەرىكەتلىنىدىغان سايمانلار، تۆۋەن بېسىملىق ئېلېكتر ئەسۋابلىرى قاتارلىقلار بار.

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ