|
ئۇلۇغلار ئېيتىدۇ: ئۆگۈنۈشنىڭ دۈشمىنى ئۆزىدىن قانائەتلىنىپ قېلىش،ئەگەر ئۆزىڭىزدە قايناق ھېسىيات ،غايە ھەم ساپلىقىنى ساقلاپ قالماقچى بولسىڭىز ئۇنداقتا كىتاپ ئوقۇڭ. كىتاپ ئىنسانلارنى ئالغا باستۇرىدىغان پەلەمپەي، شۇنداقلا مۇھەببەتنىڭ ئۆسۈپ–يېتىلىشىدىكى تۇپراق .
بىلىملىك ئاياللار دېگىنىمىز، بىلىمنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈۋەتكەن. بۇ ئارقىلىق باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئىدىيە ۋە ساپاغا ئىگە بولغان ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئاڭلاشلارغا قارىغاندا پادىشاھلارنى كۆرسىمۇ مىت قىلىپ قويمايدىكەن، ئەرلەرنى كۆرسىمۇ بېلىنى ئەگمەيدىكەن .
ئادەم كىتاپتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىندىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىدۇ، ئارتۇقچىلىقنى بايقايدۇ؛كىتاپ ئارقىلىق ئادەم ئۆزىنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسلە سىزنىڭ قانداق ئوقۇشىڭىز ۋە قانداق ئوقۇشىڭىزدا .
بەزىلەر بەلكىم مەن كىتاپ ئوقۇمىساممۇ، يەنىلا خەقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايمەن دەپ پو ئېتىشى مۇمكىن، بىراق بۇ پەقەتلا ۋاقىت مەسلىسى، ئەگەر مەڭگۈ ئىچىڭىز قۇرۇق پېتى كېتىۋەرسىڭىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەلكىم ئېرىڭىزنى جەلىپ قىلدىغان ، ئېرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىدىغان ھېچنىمىڭىز قالماسلىقى مۇمكىن ،
كىتاپ – كەلگۈسى ئاياللارغا ھەققىي ئايال بولۇپ چىقىشنى ئۆگىتىدۇ .
–سولوۋچىك
گەر كىمگە بولمىسا ئەقىل، بىلىم يار،
قوشما ئۇنى ئادەم سانىغا زىنھار .
–ئابدۇلمەجىد سەنائى
‹‹خوتۇنلارغا 101تەكلىپ››كىتابىدىن ئېلىندى
|